Uyghur主要词典
ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشى
بىئولوگىيە
ئۇرۇقلۇقنىڭ ئۇيقۇ ھالىتىدىن ھەرىكەتچان ھالەتكە ئۆتۈش جەريانى. بىخلىنىش ئارقىلىق ئۇرۇقنىڭ ئىچىدىكى تۆرەلمە يېتىلىپ مايسىغا، چەتتىن ئوزۇقلىنىپ ياشاش شەكلى ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىپ ياشاش شەكلىگە ئۆزگىرىدۇ. بىخلىنىش يېتەرلىك سۇ، ھاۋا ۋە مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىنى (بەزى ئۆسۈملۈكلەر يەنە يورۇقلۇق ياكى قاراڭغۇلۇقنى) تەلەپ قىلىدۇ. ئۇخلاش خۇسۇسىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئۇرۇقلارنىڭ ئۇيقۇسىنى ئالاھىدە ئۇسۇللار ئارقىلىق قاچۇرغاندا بىخلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بوىدۇ. بىخلىنىش ۋاقتىدا تۆرەلمە سۈتى ياكى پەللە يوپۇرماقتىكى ئوزۇقلۇق پايدىلانغىلى بولىدىغان ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ، تۆرەلمە تەنچىسى ئۆسىدۇ. تۆرەلمە يىلتىزى ئۇرۇق پوستىنى تېشىپ چىقىپ ئاساسىي يىلتىزنى ھاسىل قىلىدۇ، تۆرەلمە بىخ ئۇزىراپ غول ۋە يوپۇرماقنى ھاسىل قىلىدۇ. نوقۇت، دۇپ دەرىخى، ياڭاق قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقى بىخلانغاندا تۆۋەندىكى تۆرەلمە ئوقى ئوزارمايدۇ، پەللە يوپۇرمىقى تۇپراقتىن چىقمايدۇ. بۇ تۇپراق ئىچىدە بىخلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. سەي پۇرچىقى، ئابدىمىلىك، قىچا، كېۋەز، قوغۇن، قاپاق قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقى بىخلانغاندا تۆۋەندىكى تۆرەلمە ئوقى ئۇزىرايدۇ، پەللە يوپۇرمىقى تۇپراقتىن چىقىپ يېشىلغا ئۆزگىرىدۇ، بۇ تۇپراقتىن چىقىپ بىخلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى بىخلانغاندا پەللە يوپۇرماق تۇپراقتىن چىقمايدۇ. تۆرەلمە يىلتىزى تۆرەلمە يىلتىزى غىلىپىنى يېرىپ چىقىپ ئاساسىي يىلتىزغا ئايلىنىدۇ. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئورنىنى تۇراقسىز يىلتىزدىن ھاسىل بولغان چاچما يىلتىز سىستېمىسى ئىگىلەيدۇ، تۆرەلمە بىخ غىلىپى ئۇزىراپ يەر يۈزىگە چىققاندىن كېيىن ئاندىن ھەقىقىي يوپۇرماق تۆرەلمە بىخ غىلىپىنى يېرىپ چىقىپ ئۇزىرايدۇ.