Uyghur主要词典
ئۇرغۇماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بۇلدۇقلاپ ئېتىلىپ چىقىپ تۇرماق.
ئۇلار دەرەخنىڭ تېگىدىن ئۇرغۇپ چىققان بۇلاقتىن قېنىپ سۇ ئىچىشىپتۇ.
دولقۇنلىماق جۇش ئۇرماق.
يۈرىكىنىڭ قات - قېتىدىن ئۇرغۇپ چىققان مۇڭلۇق قوشاقلار ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان، ۋۇجۇدىغا غەيرەت بېغىشلايتتى.
كۆچمە. ئۆزلۈكسىز ئېشىپ بارماق، ئۆرلىمەك، تاشماق.
ئۇلاردىكى غەم - ئەندىشە كۆتۈرۈلۈپ، كۈرەشكە بولغان ئىشەنچ كۈچەيدى، ھەممەيلەندە غەيرەت ۋە باتۇرلۇق ئۇرغۇدى.