Uyghur主要词典
ئۇرغۇ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
گرامماتىكا ئاتالغۇسى. سۆزنىڭ ئىچىدە كۆتۈرەڭگۈ ئاھاڭدا ئېيتىلغان تاۋۇش، جۇملىدە كۆتۈرەڭگۈ ئاھاڭدا ئېيتىلغان سۆز، ئوردا.
سۆز ئۇرغۇسى. * لوگىكىلىق ئۇرغۇ. * ئۇرغۇ بەلگىسى.* ئۇرغۇلۇق، ئۇرغۇسىز.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئۇرغىماق، ئۇرغۇش.ئېتىلىپ، چېچىلىپ چىقماق.
بۇلاقتىن سۇ ئۇرغۇپ چىقاتتى. * ياشلارنىڭ قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇراتتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۆز تەركىبىدىكى ئۈنلەردىن بىرىنىڭ كۈچلۈك، كۆتۈرەڭگۈ ئېيتىلىش ھادىسىسى.
ئۇرغۇ بەلگىسى. ئۇرغۇ سۆزنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ ئىش. بالا - كىچىك بالا؛ بالا - بالا قازا. ئاچا - ھەدە؛ ئاچا - پۇتاق ئاچىمىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تىلشۇناسلىق
سۆزلەردىكى بەزى تاۋۇش ياكى بۇغۇملارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئېيتىلىشى.