Uyghur主要词典
ئۇقباھ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ تۇنىستىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى كايروۋان شەھىرىدە بولغاچقا، «كايروۋان مەسچىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ قوماندانى ئۇقباھ بىننى نەفى 670 - يىلى كايروۋان شەھىرىنى سالدۇرغاندا بۇ مەسچىتنى سالدۇرۇشنى باشلاپ، 675 - يىلى پۈتكۈزگەن. بۇ شىمالىي ئافرىقىدا ئەڭ بۇرۇن سېلىنغان مەسچىت بولۇپ، مەسچىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 130 مېتىر، كەڭلىكى 80 مېتىر كېلىدۇ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 10 مىڭ 400 كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. غەربىي قىسىم ئىسلام دىنى رايونلىرىدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇ مەسچىتتە 8 مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ. ھويلىغا مەرمەر تاش يېيىتىلغان. ئۈچ تەرىپىدە ئەگمە شەكىللىك كارىدور بار. پەشتاقنىڭ ئېگىزلىكى 35 مېتىر كېلىدۇ. پەشتاق چاسا شەكىلدە، ئۈچ قەۋەت، پەلەمپەيسىمان بولۇپ، شەھەردىكى ئەڭ ئېگىز ئىمارەت ھېسابلىنىىدۇ. چوڭ زال كاتتا سېلىنغان، مەسچىتنىڭ ئالدىغا چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان 15 ياغاچ دەرۋازا قويۇلغان. دەرۋازىلار ھەر خىل لايىھىلەنگەن نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن. زالنىڭ ئىچىدە 20 رەت، 300 تال يۇمۇلاق تۈۋرۈك بار. ياغاچتىن ياسالغان مۇنبەر ئاجايىپ كاتتا بولۇپ، ھىندىستاندىن كەلتۈرۈلگەن ئەتىۋارلىق شەمشاد ياغىچىنىڭ ئىنچىكىلەپ نەقىش ئويۇلغان 288 پارچە تاختىسى بىلەن ياسالغان. مېھرابقا 28 پارچە مەرمەر تاش ئورنىتىلغان، مېھرابنىڭ تورۇسىغا بەش خىل رەڭدە تەييارلانغان 130 پارچە ساپال چاپلانغان بولۇپ، شىمالىي ئافرىقىدىكى ئىسلام بىناكارلىقى بويىچە كاتتا قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.