Uyghur主要词典
ئۇقايل سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(996 - 1096) ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مۇسۇلمانلار سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەرەبلەرنىڭ ئۇقايل قەبىلىسى ھەمدانىيە سۇلالىسى ۋاقتىدا خارابلاشقاندىن كېيىن، تەدرىجىي كۈچەيدى. ئۇلارنىڭ خەلىپىسى مۇسەئىد 979 - يىلى بۇۋەيھىيە سۇلالىسى تەرىپىدىن ئىراننىڭ شىمالىدىكى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ داھىيىسى دەپ ئېتىراپ قىلىندى. ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، 989 - يىلى مۇسۇل رايونىنى كونترول قىلىۋېلىپ، بۇۋەيھىيە سۇلالىسى بىلەن پۇت تېپىشتى. ئۇقايللار بۇۋەيھىيە سۇلالىسىنىڭ ۋالىسىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل سۇلالە قۇردى. شىئە مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلدى. كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاپ، مۇقىم پايتەخت قۇرمىدى. قىرۋاش (1001 - يىلىدىن 1052 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدىە باغدات ئەتراپىدىن ھەلەبكىچە بولغان ئارىلىقتىكى ېمىننى كونترول قىلدى. ئاخىر سالجۇقىيلار تەرىپىدىن يوقىتىلدى.