Uyghur主要词典
ئۇنتۇش
پسىخولوگىيە
بۇ ئەستە قالدۇرۇلغان شەيئىنى تونۇيالماي ياكى ئەسكە چۈشۈرەلمەي قېلىشتىن ئىبارەت. ئۇنتۇش بىلەن ئەستە ساقلاش قارىمۇ قارشى ئىككى جەريان. دېمەك، ئۇنتۇش ئەستە ساقلىنىشنىڭ يوقىلىشى ياكى توسقۇنغا ئۇچرىشىدىن ئىبارەت. ئۇنتۇش نورمال بولغان فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخىك ھادىسە. ئەستە ساقلاشقا تېگىشلىك ئۇچۇرنىڭ ئۇنتۇلۇشى سەلبى ھال بولسىمۇ، لېكىن شاللىۋېتىشكە تېگىشلىك ئۇچۇرنىڭ ئۇنتۇلۇشى ئىجابىي ئەھۋال. دېمەك، ئۇنتۇشتىمۇ ئىجابىي تەرەپ بار.
ئۇنتۇش ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، مەڭگۈلۈك ئۇنتۇش، يېڭىدىن ئۆگەنىگىچە ئەسكە كەلمەيدىغان ئۇنتۇش. يەنە بىرى، ۋاقىتلىق ئۇنتۇش، يەنى بىر مەزگىل ئەسكە چۈشمىسىمۇ، لېكىن مۇۋاپىق شارائىت ئاستىدا يەنە ئەسكە كېلىدىغان ئۇنتۇش. مەسىلەن: بەزى بىر سۆز - ئىبارىلەر كېرەك بولغاندا يادىمىزغا كەلمەيدۇ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە يادىمىزغا كېلىدۇ، مۇنداق پسىخىك ھادىسىلەر سىنىپتا دەرس ئۆتكەندە جىق ئۇچرايدۇ، ئوقۇغۇچى پىششىق يادلاپ ئالغان بىر شېئىرنى ئالدىغا چىقىپ ئوقۇش تەلەپ قىلىنسا، تولۇق ئوقۇپ بېرەلمەي قالىدۇ، ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن تولۇق ئېسىگە كېلىدۇ، مۇنداق ئەھۋال ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇنتۇشنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مىخانىزمى، بىر تەرەپتىن، ئەستە قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشى كۈچەيتىلمىگەنلىكتىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆچۈپ كەتكەنلىك؛يەنە بىر تەرەپتىن، بەزى توسقۇنلۇق تۈپەيلىدىن تورمۇزلىنىپ قېلىش. توسقۇنلۇق قىلغان تەسىر تاشقى كۈچلۈك تەسىر بولۇشى، شۇنىڭدەك كىشىنىڭ ئۆزى جىددىي بىر ھالەتكە كېلىپ قالغاندا شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنتۇش جەريانىنىڭ تېزلىكى تەكشى بولمايدۇ. ئۇنىڭدا مەلۇم قانۇنىيەت بار: ئومۇمەن ئۇنتۇش باشتا تېز بولۇپ، كېيىن تەدرىجىي ئاستىلايدۇ. ئۇنتۇشنى چەكلەيدىغان شەرتلەر: (1) ئەستە قالدۇرۇلىدىغان ماتېرىيالنىڭ خاراكتېرى: مەنىسىز، قۇرۇلمىسى قالايمىقانلىرى ئوڭاي ئۇنتۇلىدۇ؛