Uyghur主要词典
ئۇنامۇنو
دۇنيا تارىخى
(1864 - 1936). ئىسپانىيىلىك پەيلاسوپ، يازغۇچى. بىلبائودا تۇغۇلغان. 1891 - يىلدىن باشلاپ سالامانكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گرېك ئەدەبىياتى ۋە ئىسپانىيە ئەدەبىياتى پروفېسسورى بولغان. 1901 - 1419 - يىللىرى ۋە 1930 - 1936 - يىللىرى شۇ مەكتەپتە مۇدىر بولغان. پارلامېنت ئەزاسى بولغان. مونارخىيىلىك تۈزۈمگە، بولۇپمۇ رىۋېرانىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئىسپانىيە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى ياقلىغانلىقى ئۈچۈن 1924 - يىلى كاناريە ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1924 - 1930 - يىللىرى پارىژدا پاناھلانغان. 1936 - يىلى فرانكونى ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. ئۇنىڭ <دونكىخوت بىلەن ساچۇنىڭ تەزكىرىسى>، <ھاياتنىڭ تراگېدىيىلىك مۇھەببىتى>، <خرىستىئان دىنىنىڭ جان تالىشىشى> ۋە شېئىر، ھېكايە، ئىلمىي ماقالىلەر توپلاملىرى بار.