Uyghur主要词典
ئۇكۇ شېگېمتېسۇ
دۇنيا تارىخى
(1844 - 1897) ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1892 - 1896). ۋاكاياما ۋاسساللىقىدىكى تۆرە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. شوگناتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە دېڭىز ئارمىيە ياردەمچى قىسمىغا كىرىپ، پادىشاھنى ھىمايە قىلىپ شوگناتنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. مېيجى يىللىرىنىڭ باشلىرىدا يەر بېجىنى تۈزىتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغاندا يەر بېجى ئىسلاھاتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. غەرب - جەنۇب ئۇرۇشىدا قوشۇن تارتىپ ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقتىن، قولغا ئېلىنىپ بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. 1883 - 1886 - يىللىرى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئەللىرىنى زىيارەت قىلغان. 1888 - يىلى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1890 - 1891 - يىللىرى ياماگاتا ئىچكى كابىنېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك - سودا ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. 1892 - 1896 - يىللىرى ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىتو ئىچكى كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىنىڭ ئالدى - كەينىدە باش ۋەزىر ئىتوخىروبۇمىغا ياردەملىشىپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش سىياسىتىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى سىمونوسېكى شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ۋىكونت (1894)، گراف (1895) ئۇنۋانلىرىغا ئىگە بولغان. <جيەن جيەنلۇ> دېگەن ئەسىرى بار. كېيىن <گراف ئوكۇشېگېمتېسۇ ئەسەرلىرى> نەشر قىلىنغان.