Uyghur主要词典
ئۇگاندا مۇسۇلمانلار ئالىي مۇدىرىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئۇگاندادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلاتى بولۇپ، 1970 - يىلى قۇرۇلدى. باش ئورگىنى كامپالادا. مەقسىتى: ئىسلام ئىشلىرىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداشتىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلات مەملىكەتتىكى مەسچىتلەرنى سېلىش، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش؛ <قۇرئان كەرىم> نى ۋە ئىسلام دىنىغا دائىر باشقا ئەسەرلەرنى يەرلىك تىللارغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش؛ مەدرىسە ۋە ئالىي، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەرنى ئېچىش - باشقۇرۇش، شەرىئەتنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا ياردەملىشىش؛ ھەج قىلغۇچىلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئىسلام دۇنياسى بەرگەن مەبلەغ بىلەن مەكتەپ، دوختۇرخانا، ساراي ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ پائالىيەت مەركەزلىرىنى سېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.