Uyghur主要词典
ئۇيۇشتۇرماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر مەقسەت ئۈچۈن كۆپچىلىكنى تەشكىلىي ھالەتكە كەلتۈرمەك.
بىز كۆپچىلىكنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ باردۇق. دېھقانلار ئېرىق - ئۆستەڭ سۇ قۇرۇلۇشىغا ئۇيۇشتۇرۇلدى. تەشكىللىنىپ، كۈرەشكە ئاتلىنايلى. ئىشچىلار ساۋات چىقىرىش كۇرسلىرىغا تەشكىللەندى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئۇيۇشماق Ⅰ> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ئوقۇتقۇچىلار بوش ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ئۇيۇشتۇردى.
تەشكىل قىلماق، تەشكىللىمەك.
مۇئەللىم تەنتەربىيە دەرس سائىتىدە ئوقۇغۇچىلارنى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە ئۇيۇشتۇردى.
يىغماق، توپلىماق.
ماقالە ئۇيۇشتۇرماق.