Uyghur主要词典
ئۇيۇش رېئاكسىيىسى
بىئولوگىيە
دانىچىسىمان ئانتىگېن (مەسىلەن، باكتېرىيە ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىسى قاتارلىقلار) بىلەن ئۇنىڭ ئالاھىدە ئانتىتېلاسى ئېلېكترولىت بولغان ئەھۋال ئاستىدا بىرىكىپ كۆرگىلى بولىدىغان ئۇيۇندى ھاسىل قىلىش رېئاكسىيىسى، ئۇيۇش رېئاكسىيىسىگە كىرىدىغان ئانتىگېن ئاگگليۇتىنوگېن، ئانتىتېلا ئاگگليۇتىنىن دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيۇش رېئاكسىيىسى بولۇپمۇ ئەينەك پلاستىنكا ئۇسۇلى بىر خىل ئاددىي، تېز، سەزگۈر ئۇسۇل بولۇپ، باكتېرىيە ئۇرۇقىنى باھالاپ بېكىتىش ۋە قان تىپىنى بېكىتىشتە ئىشلىتىلىدۇ. پروبېركا ئۇسۇلى يۇقۇملۇق كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان ئادەمنىڭ قان زەردابىدىكى ئانتىتېلا ۋالېنتىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ بىر خىل تۇراقلىق مىقدار ئۇسۇلى، مەسىلەن، كېزىك ۋە پاراتىفقا دىئاگنوز قويۇشتا ئشلىتىلىدىغان ۋىدال رېئاكسىيىسى ئانتىتېلا ۋالېنتىنى ئېنىقلايدىغان پېروبېركىدا ئۇيۇش رېئاكسىيىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئېرىشچان ئانتىگېن ئۆزىنىڭ ماس ھالدىكى ئانتىتېلاسى بىلەن بىۋاستە ئۇيۇش رېئاكسىيىسى ھاسىل قىلمايدۇ، بىراق ئۇنى ئالدى بىلەن ئىممۇنىتېت بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان بىر خىل توشۇغۇچى دانىچە (مەسىلەن، قىزىل قان ھۈجەيرىسى، باكتېرىيە، ئاق چىنە توپىسى قاتارلىقلار) نىڭ يۈزىگە سۈمۈرتۈپ ئاندىن ماس ھالدىكى ئانتىتېلا بىلەن بىرىكتۈرسە ئۇيۇش رېئاكسىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل رېئاكسىيە ۋاستىلىك ئۇيۇش رېئاكسىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنداقلا چۆكمىگە ئۆتۈش رېئاكسىيىسىنى ئۇيۇش رېئاكسىيىسىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا نەتىجىنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولاپلا قالماي،بەلكى رېئاكسىيىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ئەسلىدە ئۇيۇش رېئاكسىيىسىنى ھاسىل قىلمايدىغان مولېكۇلىسى ئىنتايىن كىچىك ئېرىشچان ئانتىگېنلارغا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ۋىرۇس، ئاقسىل، پولى ساخارىد، نۇكلېئىك كىسلاتا ۋە ماي قاتارلىقلار.