Uyghur主要词典
ئۈزۈندى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئەسەر ياكى نۇتۇقتىن ئېلىنغان نۇكتىلەر؛ ئەسەرنىڭ ئايرىم قىسىملىرى.
ماۋجۇشى سۆزلىرىدىن ئۈزۈندى <بىر زاماندا قىزىل كىتاب> نامى بىلەن ھەممە كىشىدە بىر ۋە بىرنەچچىدىن بار ئىدى. <چولپان> غا <ئىزدىنىش> تىن پارچىلار بېسىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر نەرسىنىڭ تۆپە يۈزى، تۆپىسى.
ئۈستەل ئۈستى. ئىشكاپ ئۈستى. كىتابنى شىرە ئۈستىگە قويماق.
نەرسىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمىدىكى جاي، تۆپىسى، بېشى.
تاغنىڭ ئۈستى.
شاھ قارىسا دەرەخنىڭ ئۈستىدە بىر يىلان ياتقۇدەك.
ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ تاشقى تەرىپى، سىرتى؛ ئۇچا.
بۇ كۈنى ئۇ ئۈستىگە قارا شىپۇن دۇخاۋا كۆڭلەك، ناۋات رەڭ سارجىدىن پەلتۇ، پۇتىغا ئۇزۇن پاشنىلىق خۇرۇم توپلەي كىيىۋالغانىكەن.
شەخس قوشۇمچىسى ۋە يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ: 1( دەل بىرەر ئىش - ھەرىكەت بولۇۋاتقان پەيت، چاغ ياكى ئورۇننى بىلدۈرىدۇ.
ياخشى ئاش ئۈستىگە كېلەر، يامان گەپ ئۈستىگە كېلەر )ماقال(.
2) <... دىن تاشقىرى، .. دىن باشقا> دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئۆي سوغۇق بولغاننىڭ ئۈستىگە زەي.
بۇلاڭچىلار ئۇنىڭ پۇلىنى بۇلىغاننىڭ ئۈستىگە قاتتىق ئۇرۇۋەتتى.
3( <ئاساسىغا، بەدىلىگە> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ياللانما ئەمگەك تامامەن ئىشچىلارنىڭ ئۆزئارا رىقابىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان.
شەخس ۋە چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ چېتىلغان ئوبيېكتى ياكى دائىرىسىنى بىلدۈرىدۇ.
دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قازانماق. بىراۋ ئۈستىدىن ئەرز قىلماق.
شەخس قوشۇمچىسى ۋە ئورۇن كېلىش ياكى چىقىش كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، <ھەققىدە، توغرىسىدا> دېگەن يۈكلىمىلەرنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھەر كۈنى ھەر ياڭزا ئىنكاسلار چىقىپ تۇرىدۇ، مەن بۇنداق ئىنكاسلارغىمۇ ئادەتلىنىپ قالدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تىلشۇناسلىق
بىراۋنىڭ قىلغان ياكى يازغان ماقالە - ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈپ ئېلىنغان پارچە.