Uyghur主要词典
ئۈزۈم شەكىللىك بېلىق قورۇمىسى
领域: ئۇيغۇر تائاملىرىتىرىك ليۇ بېلىقى بىر دانە، تۇخۇم ئىككى دانە، كەرەپشە (چىڭسەي) يوپۇرمىقى ئازراق، بولكا ئۇۋىقى ئازراق، زەنجىۋىل ئازراق، ئۈزۈم ھارىقى ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق، كراخمال ئازراق، شېكەر ئازراق، سۇ يېغى ئازراق، كۈنجۈت يېغى ئازراق.
1. پاكىزە تازىلانغان بېلىقنىڭ باش، قۇيرۇق قاناتلىرىنى كېسىۋېتىپ، بېلىق گۆشىنى
شىلىپ ئېلىپ، قىلتىرىق سۆڭەكلىرى پاكىزە ئادالىنىدۇ. بېلىقنىڭ تېرە تەرىپىنى كۆتەككە قويۇپ بىر سانتىمېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ، ئاۋۋال ئۇزۇنىسىغا پىچاقنى تىك سېلىپ، بېلىق گۆشىنىڭ 1/3 قىسمى كېسىلگەندە پىچاقنى يانتۇ قىلىپ تېرىسىگە يەتكۈچە كېسىلىدۇ. ئاندىن كۆندىلەڭ تەرىپىدىن ئارىلىقىنى بىر سانتىمېتىر قالدۇرۇپ تېرىسىگە يەتكۈچە تىك كېسىلىدۇ. بېلىق گۆشىگە تۇز، زەنجىۋىل، پىياز، سېرىق ھاراق، سېپىپ 20 مىنۇتتەك تەملەندۈرۈلىدۇ.
2. تۇخۇمنى قاچىغا چېقىپ ئارىلاشتۇرۇپ بېلىق گۆشىنى تۇخۇمغا چىلاپ ئۈستىگە بىر قەۋەت بولكا ئۇۋىقى تەكشى يېپىشتۇرۇلىدۇ (ھەربىر پىچاق ئىزىغا كىرگۈزۈپ).
3. ساپلىققا ماي قۇيۇپ، 7 دەرىجىدە قىزىتىپ، بېلىق گۆشىنى مايغا سالساق، تېرىسى قورۇلۇپ، گۆش ئۈزۈم شەكلىگە كىرىدۇ.
4. كەرەپشە (چىڭسەي) يوپۇرمىقىنى قايناق سۇغا بېسىپ، سوۋۇغاندا تەخسىنىڭ چېتىگە ئۈزۈم يوپۇرمىقى شەكلىدە تىزىپ بېرىلىدۇ.
5. باشقا بىر ساپلىققا بىر ۋاقىت ئىچىدە سۇ، شېكەر، ئاچچىقسۇ، تۇز سېلىپ قاينىتىپ، ئۈزۈم ھارىقى، مۇۋاپىق كراخمال سېلىپ، كۈنجۈت يېغى تېمىتىپ، بېلىقنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。