Uyghur主要词典
ئۈجمە كۆڭۈل
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ئوي - پىكىرنىڭ تايىنى يوق، شاختىن شاخقا قونۇپ يۈرىدىغان، تۇراقسىز، مەۋقەسىز كىشىلەرگە قارىتىلىغان ئىبارە: - ئۇنداق قىلغۇچە، سەن ئۈجمە كۆڭۈل ئىكەنسەن، دەپ قىزنى تاشلىۋەتسىلا بولدىغۇ، - دېدى ئۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئوي - تۇيغۇسىنىڭ تايىنى يوق، شاختىن - شاخقا قونۇپ يۈرىدىغان، تۇراقسىز؛ مەۋقەسى يوق.
بەزى ئۈجمە كۆڭۈل كىشىلەر توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇشقا ئەرزىمەيدۇ.