Uyghur主要词典
ئۈجمە دەرىخى ۋە دۇپ دەرىخى
领域: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىجۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇر ئۈجمە ئۆستۈرۈپ پىلە قۇرتى باققان دۆلەت، شۇنداقلا بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۈجمە دەرىخىنىڭ تىكىپ ئۆستۈرۈلۈشى ئاز دېگەندىمۇ7000 نەچچە يۈز يىللىق تارىختا ئىگە.
قەدىمكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۈجمە دەرىخى بىر خىل مۇقەددەس ۋە تەڭداشسىز »ئىلاھ دەرەخ«دەپ قارىلاتتى. شۇڭا، كىشىلەر بۇتخانىلارنىڭ نەزىر ‐ چىراغ مېھرابلىرىنىڭ ئەتراپىغا كۆپىنچە ئۈجمە دەرەخلىرىنى تىكىپ ئۈجمىزالىق بەرپا قىلىپ، پادىشاھ ئوردىسىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نەزىر ‐ چىراغ ئۆتكۈزۈپ ئىلاھقا مۇراجىئەت قىلىدىغان مۇقەددەس جاي قىلىپ كەلگەن. جۇڭگو تارىخىنىڭ باشلىنىش مەزگىلىدىكى شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چىغىناق ‐ تارغاق يېزىقىدا ئۈجمە، پىلە، يىپەك ۋە يىپەك رەختلەرگە ئائىت مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن. جۇ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئۈجمە يوپۇرمىقى يىغىش ۋە پىلە بېقىش ئاللىقاچان كۈندىلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىغا ئايلانغان. ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرلىرىدە ئۈجمە دەرەخلىرى كۆلەملەشتۈرۈلۈپ ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىغان.
ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئەسلىي ماكانى ئېلىمىز بولۇپ، ئۇ ئۈجمە ئائىلىسى، ئۈجمە ئۇرۇقدىشىغا كىرىدىغان يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەختۇر. ئۈجمە يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، پىلە قۇرتى باقىدىغان يەم - خەشەك ھېسابلىنىدۇ. ستاتىستىكىلىنىشىچە،1000 تال پىلە قۇرتى لىچىنكا ۋاقتىدىن تارتىپ يىپەك چىقىرىپ غوزەك ھاسىل قىلىشقا قەدەر تەخمىنەن20 كىلوگرام ئۈجمە يوپۇرمىقى يېگەندىلا ئاندىن5 .0 كىلوگرام يىپەك چىقىرالايدىكەن.
دۇپ دەرىخىمۇ پىلە بېقىپ يىپەك چىقىرىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، جۇڭگودا3000 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. شەندۇڭ قاتارلىق جايلار قەدىمدىن تارتىپ ئېلىمىزنىڭ دۇپ پىلىسىنىڭ ئەسلىي ماكانى ھېسابلىنىدۇ.
دۇپ پىلىسىنىڭ يېمەكلىكى دۇپ دەرىخى ئائىلىسى، دۇپ دەرىخى ئۇرۇقدىشىدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. مەسىلەن، شەرقىي لياۋنىڭ دۇپ دەرىخى، موڭغۇلىيە دۇپ دەرىخى، ئۇچلۇق يوپۇرماقلىق دۇپ دەرىخى (چىڭگاڭ دەرىخى)، چىشلىق يوپۇرماقلىق دۇپ دەرىخى قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخلەر بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن15 ~30 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يۇمران يوپۇرماقلىرى دۇپ پىلىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。