Uyghur主要词典
ئۈچ لىنىيىلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش
领域: بىئولوگىيەبۇ ئۇرۇق يېتىشتۈرۈشنىڭ بىرخىل يېڭى جەريانى. دۆلىتىمىزنىڭ شالغۇتلاشتۇرۇلغان شېلى ئۈچ لىنىيىلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن. بۇنىڭدا يېتىلمەيدىغان ئۇرۇق ئۆستۈرۈش يەنى ئاتىلىقى يېتىلمەيدىغان لىنىيە ئارقىلىق، شالغۇتلاشتۇرۇلىدىغان ئانىلىق تۈپىنىڭ ئاتىلىق گۈل چېڭىنىڭ يېتىلىشچانلىقىنى يوقىتىپ شالنىڭ ئۆز گۈلىدىن چاڭلىنىش خۇسۇسىيىتى ئۆزگەرتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چەتتىن چاڭلىنىدىغان زىرائەتلەرگە ئوخشاش قوشنا ئاتىلىق، ئانىلىق تۈپلەر ئەركىن چاڭلىشىپ مېۋە تۇتىدۇ، بۇ ئۈچ لىنىيە ئاتىلىقى يېتىلمەيدىغان لىنىيە، ساقلىنىدىغان لىنىيە ۋە ئەسلىگە كېلىدىغان لېنىيىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى؛ يېتىلمەيدىغان لىنىيىنىڭ ئاتىلىق گۈلى نورمال يېتىلمەيدۇ، خالتا كىيدۈرۈلگەن ياكى ئايرىۋېتىلگەن شارائىتتا ئۆز گۈلىدىن چېتىشىپ مېۋە بەرمەيدۇ؛ ئانىلىقى نورمال بولۇپ ئۇرۇقلىنىش ئىقتىدارى بولىدۇ، پەقەت سىرتتىن كەلگەن نورمال گۈل چېڭىنى قوبۇل قىلىپ ئۇرۇقلىنىپ مېۋە بېرىدۇ. ساقلىنىدىغان لىنىيە يېتىلمەيدىغان لىنىيىنىڭ يېتىشمەسلىك خۇسۇسىيىتىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ساقلاپ قالىدۇ، يەنى ساقلىنىدىغان لىنىيىنىڭ گۈل چېڭىنى يېتىلمەيدىغان لىنىيىنىڭ ئانىلىق ئاغزى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ھاسىل بولىدىغان ئەۋلاد يەنىلا يېتىلمەيدىغان لىنىيە بولىدۇ. ساقلىنىدىغان لىنىيە ساپ لىنىيە بولۇپ، تۈركۈمى رەتلىك، چاڭدېنى تەرەققىي قىلغان، گۈل چېڭى كۆپ، ئۆزىدىن چېتىشىپ مېۋە بېرىشى نورمال بولىدۇ، ساقلىنىدىغان لىنىيە بىلەن يېتىلمەيدىغان لىنىيە ئوخشاش تېىپلىق ئاكا - سىڭىل لىنىيە بولۇپ، يېتىلىش خۇسۇسىيىتىدىن باشقا، ئاساسلىق ئالامەتلىرى ئومۇمەن ئوخشايدۇ. ئەسلىگە قايتىدىغان لىنىيە يېتىلمەيدىغان لىنىيىنىڭ شالغۇت 1F نى تامامەن نورمال ھالەتكە قايتۇرىدۇ. ئەسلىگە قايتىدىغان لىنىيىنىڭ دېھقانچىلىق ئالامىتى بىلەن ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى بىردەك بولۇشى، ھاسىل قىلىنغان شالغۇتتا ئايرىلىش ھادىسىسى كۆرۈلمەسلىكى لازىم. ئۈچ لىنىيىدە يېتىلمەيدىغان لىنىيە ئۈچ لىنىيىنىڭ ئاساسى. يېتىلمەيدىغان لىنىيە بىلەن ساقلىنىدىغان لىنىيىنى شالغۇتلاشتۇرۇپ يېتىلمەيدىغان لىنىيىگە ئېرىشكىلى، يېتىلمەيدىغان لىنىيە بىلەن ئەسلىگە قايتىدىغان لىنىيىنى شالغۇتلاشتۇرۇپ شالغۇت ئۇرۇققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。