Uyghur主要词典
ئۈچكىلىك مېۋە
بىئولوگىيە
گۆشلۈك مېۋىنىڭ بىرخىل تىپى. ئۇنىڭ ئىچكى مېۋە پوستى تاش ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىنتايىن قاتتىق بولىدۇ، ئۇ ئۈچكە ھاسىل قىلىپ ئۇرۇقنى قوغدايۇد. ئوتتۇرا مېۋە پوستى تەرەققىي قىلىپ گۆشلىشىدۇ. سىرتقى مېۋە پوستى بىرئاز نېپىز بولۇپ، ئېپىدېرما بىلەن ئېپىدېرمىسىنىڭ ئاستىدىكى قېلىن بۇلۇڭلۇق توقۇلمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، شاپتۇل، ئالۇچا، ئۆرۈك، گىلاس، چىلاننىڭ مېۋىسى. كوكۇس پالمىسىمۇ ئۈچكىلىك مېۋىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ مېۋە پوستى يىرىك تالادىن تۈزۈلىدۇ، ئىچكى مېۋە پوستى ئالاھىدە قاتتىق بولىدۇ.