Uyghur主要词典
ئېتېننې مارسېل
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1358) 1357 - 1358 - يىللاردىكى پارىژ شەھەر ئاھالىسى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى. بۇرۇن پارىژ يۇڭ توقۇلما سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1357 - يىلى 3 - ئايدا پارىژ شەھەر ئاھالىسىنى باشلاپ شاھزادە چارلېس (يەنى كېيىنكى فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅴ)نى <مارت ئومۇمىي كەچۈرۈمنامىسى>نى ئېلان قىلىپ ئۈچ دەرىجىلىك يىغىننىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ماقۇل بولۇشقا، ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنى تەرتىپكە سېلىشقا مەجبور قىلغان. لېكىن يولغا قويۇلمىغان. 1358 - يىلى 2 - ئايدا، قوزغىلاڭ ئارقىلىق پارىژ شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئەمەلىي قولغا ئالغان. ئۇنىڭ يۈرگۈزگەن باج سىياسىتى پەقەت يۇقىرى قاتلام شەھەر ئاھالىسىگىلار پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، شەھەردىكى ئاددىي پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن 300 كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىپ، 1358 - يىلى 5 - ئايدا پارتلىغان سەھرالىقلار قوزغىلىڭى بىلەن ئالاقىلىشپ، فېئودال كۈچلەرنىڭ پارىژنى مۇھاسىرىگە ئېلىشىنى بىكار قىلماقچى بولغان، ئەمما قوزغىلاڭچى دېھقانلار ياردەمگە تازا موھتاج بولۇۋاتقان پەيتتە، ئۆزىگە قاراشلىق قوشۇننى قايتۇرۇپ كەتكەن. پارىژ شەھەر ئاھالىسىنىڭ قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇرۇن ئۆزىگە ئەگەشكۈچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.