Uyghur主要词典
ئېچىتقۇ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېچىتىش، بولدۇرۇش ئۈچۈن سېلىنىدىغان <ئېچىتقۇ> ئومۇمەن ئېچىتىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرگە سېلىنىدۇ.
<خېمىرتۇرۇچ>، <پاگى> خېمىرنى بولدۇرۇش ئۈچۈن سېلىنىدۇ. <كۆنەلگە> قېتىق، قىمىزلارنى ئۇيۇتۇش ئۈچۈن سېلىنىدۇ.
ئېچىتقۇسىز ئېچىتىشقا ئۇرۇنما. سۆزنىڭ خېمىرتۇرۇچى - ماقال. خېمىرنىڭ پاگىسى ئېشىپ كېتىپ، نان ئاچچىق بولۇپ قاپتۇ. كۆنەلگە يوق، قېتىم ئۇيۇتالمىدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خىمىيە
زەمبۇرۇغلارنىڭ بىر خىلى. سارغۇچ رەڭلىك، يۇمىلاق ياكى تۇخۇم شەكىللىك. كىلېتكا يادروسى، سۇلۇق پۈۋەكچە قاتارلىقلاردا بولىدۇ. ھاراقنىڭ ۋە خېمىرنىڭ ئېچىشى ئېچىتقۇنىڭ ئىشلىتىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان خىمىيىۋى ئۆزگىرىشتۇر.