Uyghur主要词典
ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان شەخس. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ ئوغلى. ئاللانىڭ ئەلچىلرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، كىچىك ۋاقتىدا دادىسى ئۇنى ئانىسى بىلەن مەككىنىڭ چۆلىگە ئاپىرۋەتتى. ئىسمائىلنىڭ ئانىسى بۈۋى ھەجەر سۇ ئىزلەپ سەفا بىلەن مەرۋە ئوتتۇرىسىدا يەتتە قېتىم بېرىپ كەلدى. ئۇسساپ كەتكەن بالا قاتتىق يىغلاپ تېپىچەكلىۋىدى، ئۇ تېپىچەكىلگەن يەردىكى شېغىل - تاشلار ئارىسىدىن سۇ چىقتى. كېيىن بۇنى كىشىلەر «زەمزەم بۇلىقى» دەپ ئاتىدى. «قۇرئان كەرىم» دە ئېيتىلىشىچە، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كۆرگەن چۈشىدە ئاللا ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىشنى بۇيرۇدى. لېكىن قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئاللا جەننەتتىن قوچقار چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام مەككىدە دادىسى بىلەن بىللە كەبىنى بىنا قىلدى ھەمدە ئۆيىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇدى. ئەرەب مىللىتى ئۆزىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇشتى، دەپ ئاتايدۇ.