Uyghur主要词典
ئىسمائىلىيە مەزھىپى
دۇنيا تارىخى
ئىسلام دىنىدىكى بىر مەزھەپ. شىئە مەزھىپىنىڭ بىر تارمىقى. مىلادى ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، شىئە مەزھىپىنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد ئىمامى جەفەر سادىق (700 - 765) چوڭ ئوغلى ئىسمائىل (؟ - 760 ياكى 762) نىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئىسمائىلنى قوللايدىغانلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باشقا بىر مەزھەپ ئۇيۇشتۇرغان. بۇ مەزھەپ ئىسمائىل يەتتىنچى ئەۋلاد، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلاد ئىمام، يەنى تەركىدۇنيا بولغان ئىمام، ئۇ كەلگۈسىدە مەھدى (قۇتقازغۇچى) قىياپىتىدە پەيدا بولىدۇ، دەپ تەرغىپ قىلغان. شۇڭا بۇلار يەتتە ئىمام مەزھىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزھەپ مەخپىي تەشكىلات بولۇپ، مەخپىي ھالدا دىن تارقىتىدۇ، مۇرىت قوبۇل قىلىدۇ، مۇرىتلىرى يەتتە دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، ئالىي ئىككى دەرىجىلىكى يولباشچىلىق قىلىدۇ. Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ مەزھەپ شىمالىي ئافرىقىدا فاتىمە خانلىقىنى قۇرغان. كېيىن بىرمۇنچە مۇستەقىل تارماقلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇلار ئاساسلىقى كارامەتىيە مەزھىپى، نىزارى مەزھىپى ۋە درۇزې مەزھىپىدىن ئىبارەت. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مەيدانغا كەلگەن ئاگاخان باشچىلىقىدىكى ھىندىستان خوجىلار مەزھىپىنىڭ ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا تەسىرى ناھايىتى زور.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى ئاساسلىق تارماق مەزھەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يەتتە ئىمامچىلارمۇ دېيىلىدۇ. شىئە مەزھىپىدىكى ئەسەبىي مەزھەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزھەپ Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پەيدا بولۇپ، مۇستەقىل ئەقىدە تەلىماتىنى ۋە تەشكىلىي شەكلىنى Ⅸ ئەسىردە شەكىللەندۈرگەن. ئەرەبچە ھۆججەتلەردە خاتىرىلىنىشىچە، Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىئە مەزھىپىدىكى ئالتىنچى ئىمام جەئفەر سادىق (تەخمىنەن 699 - 657) نى ئىماملىققا ۋارىسلىق قىلىشقا بېكىتكەن. ئىسمائىلنىڭ ھاراق ئىچىدىغان يامان ئادىتى بولغانلىقتىن، ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىككىنچى ئوغۇل ئىمام ۋارىسى قىلىنغان. شىئە مەزھىپىدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر بۇ ئۆزگىرىشنى ئېتىراپ قىلغان. ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىسمائىل ھاراق ئىچسىمۇ، ئىماملىققا ۋارىسلىق قىلىشىغا نۇقسان يەتمەيتتى. چۈنكى ئىمامنى ئاللا تەيىنلەيدۇ، دېگەن تەشەببۇسى بىلەن شىئە مەزھىپى ئىچىدە ئىختىلاپ پەيدا بولىدۇ. 760 - يىلى ئىسمائىل ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دادىسى جەئفەر سادىق مەدىنىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەشھۇر ئەربابلارنى توپلاپ، ئىسمائىلنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى مەسچىتتە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، دەپنە قىلىدۇ. لېكىن ئىسمائىلغا ئەگەشكەن ئاز ساندىكى كىشىلەر مۇسا كازىمنىڭ شەرىئەتكە لايىق يەتتىنچى ئىمام ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي، ئىسمائىل ئۆلمىدى، <غايىب بولدى>. ئىمام (ئىمام مەھدى) سۈپىتى بىلەن دۇنياغا قايتا پەيدا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ بىر قىسىم كىشىلەر ئىسمائىل ۋاپات بولغان پاكىتنى قوبۇل قىلسىمۇ، ئىماملىق بىننى ئىسمائىلغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، دەپ قارايدۇ. جەئفەر سادىق 576 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شىئە مەزھىپى بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئىسمائىل (ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد بىننى ئىسمائىل) نىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئىسمائىلىيە مەزھىپى شەكىللىنىدۇ. بۇ مەزھەپ ھەزرىتى ئەلىدىن ئىسمائىلغىچە ئۆتكەن يەتتە ئىمامنى ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار يەتتە ئىمامچىلار دەپ ئاتالغان.
ئىسمائىلىيەدىكى يادرولۇق ئەزالارنىڭ كۆپىنچىسى پرسىيە ۋە ئىراق تەۋەلىكىدىكى شىئە ئۆلىمالىرى ۋە دائىلار بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەقىدە تەشەببۇسىغا قارشى تۇرىدۇ. ئابباسىيلار سۇلالىسى شىئە مەزھىپىنى باستۇرغان ۋە بۇ مەزھەپكە زىيانكەشلىك قىلغانلىقتىن، بۇ مەزھەپ باشتا ئىراقتىكى كۇفەنى بازا قىلىپ، جايلارغا تارقىلىپ مەخپىي تەبلىغات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئابباسىيلار سۇلالىسىدا ھەر خىل زىددىيەتلەر كۈنسايىن كەسكىنلىشىپ، يەرلىك فېئوداللار دەۋران سۈردى. جايلاردا خەلق قوزغىلىڭى ئۈزۈلمىدى. ئىسمائىلىيەلەرنىڭ تەرغىبات پائالىيەتلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. دائىلار (بۇ، ئىسمائىلىيەدە قوللىنىلىدىغان خاس ئاتالغۇ بولۇپ، <تەبلىغاتچىلار>، <دىنىي دەۋەتچىلەر> دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ) نىڭ مەخپىي تەبلىغات تەشكىللىرى ئاشكارا پائالىيەت قىلىشقا باشلىدى. پرسىيىلىك باش دائى ئابدۇللا بىننى مەئمۇن (؟ - 874) ئىسمائىلىيەلەرنىڭ سىرلىق ئىدىيە سىستېمىسىغا ۋە مەخپىي تەشكىلاتىغا ئاساس سېلىپ بەردى. بۇ ئادەم دەسلەپ ئەھۋاز ۋە ئېرۇسالىم قاتارلىق جايلاردا پائالىيەت قىلدى. كېيىن بەسرەدە بۇ مەزھەپنىڭ دىنىي تەشۋىقات باش ئىشتابىنى قۇردى، كېيىن سۈرىيىنىڭ شىمالىدىكى سەلەمىيەگە كۆچۈپ كېلىپ، جايلارنىڭ دىنىي تەبلىغات پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلدى. ئىبنى مەئۇمۇن مۇھەممەد بىننى ئىسمائىلنىڭ ئىماملىق سۈپىتى بىلەن <غايىب> بولغانلىقىنى، كۆپ ئۆتمەي پەيدا بولۇپ دۇنيانى ئىدارە قىلدىغانلىقىنى، ئىمام غايىب بولغان مەزگىلدە <خوجا> (تەبلىغاتچى داھى) دەرىجىسىدىكى ئادەمنىڭ ئىمامنىڭ ئورنىدا دىنىي تەشۋىقات پائالىيەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار جايلارغا دائىلارنى مەخپىي ئەۋەتىپ، بۇ مەزھەپنىڭ ئەقىدىسىنى تارقىتىپ، شىئە مەزھىپىدىكىلەرنى بۇ تەشكىلگە قاتنىشىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپە ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىشنى كۆزلىدى. بۇ مەزھەپنىڭ دائىسى ھەمدان قەرمەت 877 - يىلىدىن ئېتىبارەن كۇفەدە، خەرەب رەي رايونىدا، ئابدان فارستا تەبلىغ قىلدى ھەمدە مەخپىي تەبلىغات تەشكىللىرىنى قۇردى. 881 - يىلى باش ئىشتاب دائى ئەلى بىننى فەدەر بىلەن ئىبنى ھەسەبىنى يەمەندىكى ماسۋا تېغىدا بازا قۇرۇشقا ئەۋەتىپ، يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. بىننى ھەسەبى 883 - يىلى جىيەن ئوغلى قەسەمنى يەمەندىن ھىندىستاندىكى سىندقا تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. دائىلارنىڭ پرسىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ پائالىيەت قىلىشىغا ئەگىشىپ، خۇراسان، نىشاپۇر ۋە مارلۇدلار بۇ مەزھەپنىڭ دىنىي تەشۋىقاتىنىڭ يېڭى مەركەزلىرى بولۇپ قالدى. Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرى خۇراسان رايونىدىكى دائى نەسەفنىڭ شاگىرتلىرى بۇ مەزھەپنىڭ ئەقىدىسىنى شكىستانغا تارقاتتى. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى خۇراساندىكى دائى كىرماندىكى قۇفىس قەبىلىسىنى بۇ مەزھەپكە ئېتىقاد قىلدۇردى. ئىسمائىلىيەلەرنىڭ جايلاردىكى كۈچى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، كېيىن ھاكىمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.
Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بۇ مەزھەپنىڭ دائىسى ھەمدان قەرمەت كۇفەدە قەرمەتىيە مەزھىپىنى قۇردى. قەرمەتىيەنىڭ دائىسى ئەبۇ سەئىد جەننابى 899 - يىلى پرسىيە دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى بەھرەيندە قەرمەتىيە دۆلىتى (899 - 1077) نى قۇرۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا، سۈرىيە، ئىراق، پرسىيىلەردە كەڭ تەسىرگە ئىگە بولدى، يەمەندىكى ئىسمائىلىيەلەرنىڭ دائىسى ئەبۇ ئابدۇللا ھۈسەين 693 - يىلى شىمالىي ئافرىقىغا بېرىپ، دىن تەبلىغ قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. 909 - يىلى سۈرىيىدىكى سەلەيمىيە باش ئىشتابىنىڭ يېڭى داھىيسى ئۇبەيدۇللا مەھدى ھەزرىتى ئەلى ۋە فاتىمەنىڭ ئەۋلادى دېگەن نام بىلەن فاتىمىيە سۇلالىسى (909 - 1171) نى قۇردى. فاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى مىسىرنى ئىشغال قىلدى. خەلىپە قاھىرەدە قۇرۇلغان ئىسمائىلىيەلەرنىڭ تەبلىغات باش ئۇيۇشمىسىنى مەركەز قىلدى. خەلىپە تەبىئىي داھى بولدى. جايلاردىكى تەبلىغات ئۇيۇشىملىرى ئۇنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلدى. ئالتىنچى خەلىپە ئەبۇ ئەلى مەنسۇر ھاكىم (699 - يىلىدىن 1026 يىلىغىچە تەخىتتە ئۇلتۇرغان) ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كيېىن، ئىسمائىلىيە تەدرىجىي پارچىلىنىپ كەتتى. بەزى رايونلاردىكى تەبلىغات تەشكىلاتلىرى ئايرىم مەركەز قۇردى، نۇرغۇن يېڭى مەزھەپلەر بۆلۈنۈپ چىقتى. سۈرىيە، لىۋاندىكى دروزىيە مەزھىپى، مىسىردىكى مۇستافا مەزھىپى، يەمەن، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇھرا مەزھىپى ۋە ئاغاخانچىلار، تۈركىيە، سۈرىيىلەردە نۇسەيرە مەزھىپى، ئىراق، بەھرەيىن، ئۇمماندا قەرمەتىيە مەزھىپى قاتارلىق مەزھەپلەر پەيدا بولدى. ⅢⅩ ئەسىردىن كېيىن، بەزى مەزھەپلەر تەدرىجىي يوقىلىپ كەتتى. ⅨⅩ
ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا نىزارىيىنىڭ تارمىقى بولغان ئاغاخانچىلارنىڭ باشلىقى ئاغاخان ئىراندىن ھىندىستانغا كېلىپ، بومبايدا تەبلىغات مەركىزى قۇردى ھەمدە جايلاردا دىنى تەشۋىقات قىلىش ئۈچۈن دائىلارنى ئەۋەتتى. كېيىن شىمالىي ئافرىقىدا تەبلىغات تەشكىللىرىنى قۇردى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىسمائىلىيەلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاغاخاننىڭ مەنىۋى داھىي ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. شىنجاڭدىكى تاجىك مۇسۇلمانلار ئىسمائىلىيە مەزھىپىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئاغاخاننىڭ مۇخلىسلىرى ھېسابلىنىدۇ.
Ⅹ ئەسىردىن Ⅺ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ دائىسى نەسافى ھەمىددىن كىرمەن يېڭى ئەپلاتونىزم تەلىماتىنى، مۇئتەزىلىلەرنىڭ ماتېرىيالىزمىنى ۋە پىفاگورچىلارنىڭ سانلار نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەزھەپنىڭ ئەقىدىسى تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرۇۋېتىلدى. فەقىھ نورىمان <ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرى> ناملىق ئەسەر يېزىپ، بۇ مەزھەپنىڭ فىقھە نەزەرىيىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى.
<يەتتە> نىڭ مۇقەددەسلىكى توغرىسىدىكى تەلىمات، ئالەمنىڭ ئېقىپ چىقىشى توغرىسىدىكى تەلىمات، <قۇرئان كەرىم> نىڭ باتىن مەنىسى توغرىسىدىكى تەلىمات، غايىب ئىمامنىڭ پات ئارىدا پەيدا بولۇشى توغرىسىدىكى تەلىمات بۇ مەزھەپنىڭ ئاساسلىق دىنىي پەلسەپە ئىدىيىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
(1) <يەتتە> نىڭ مۇقەددەسلىكى توغرىسىدىكى تەلىمات. بۇ مەزھەپ ئېتىقاد قىلىپ ئۆتكەن ۋە غايىب بولغان يەتتە ئىمامنىڭ دۇنياغا يېنىپ كېلىشى توغرىسىدىكى ئەقىدىسىنى دەلىللەش ئۈچۈن، <يەتتە> دىن ئىبارەت بۇ سانغا مۇقەددەسلىك خۇسۇسىيىتى بېرىپ، ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشىنى ۋە تارىخنىڭ تەرەققىياتىنى <يەتتە> بىلەن مۇددەتكە بۆلۈپ، بۇ مەزھەپتىكى ئەۋلىيالارنىڭ تارىخىي تەرجىمھالىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ مەزھەپنىڭ قارىشىچە، ئالەم ئاللادىن ئېقىپ چىققان. ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى ئاللا ئالەم روھى ئالەم جېنى ئىپتىدائىي ماددىلار بوشلۇق ۋاقىت زېمىن ۋە ئادەملەر دۇنياسىدىن ئىبارەت يەتتە باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن. ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدىكى نەزەرىيىگە مۇناسىپ ھالدا تارىخنىڭ تەرەققىيات دەۋرىمۇ يەتتە دەۋرنى ئۆتكۈزىدۇ. تارىخي دەۋر تەرەققىي قىلىپ يەتتە دەۋرر ئاخىرلاشقاندا ئىنسان تارىخىمۇ ئاخىرلىشىپ بارىدۇ. ھەر بىر دەۋر باشلانغاندا يېڭى دەۋر باشلانغانلىقىنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە ئاللا ئەمر قىلغان بىر ناتىق پەيدا بولغان. ئادەم ئەلەيھىسسالام، نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئىيسا ئەلەيھىسسالام، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، مۇھەممەد بىننى ئىسمائىل مۇشۇ يەتتە ناتىقتۇر. ناتىق دۇنيا ئىدراكىنىڭ ئىپادىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر دەۋرنىڭ ناتىقىدىن كېيىن يەتتە سامىت بولىدۇ. ئۇلار ناتىقلارنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى بولۇپ، ئاللا ناتىقلارغا ۋەھىي قىلغان كىتابلارنىڭ باتىن مەنىسىنى ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا يەتكۈزىدۇ. ئىسمائىل، ھارون، پېتر، ھەزرىتى ئەلى، ئابدۇللا بىننى مەئمۇن قاتارلىقلار ھەر قايسى دەۋرلەرنىڭ سامىتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر دەۋردىكى يەتتە ئىمام (سامىت) نىڭ ئورنى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، كېيىنكى دەۋرنىڭ ناتىقى بولىدۇ. ئۇلار ئالدىنقى پەيغەمبەر بەرپا قىلغان قانۇنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى قانۇنلارنى دەسسىتىدۇ. ناتىق ۋاپات بولغاندىن كېيىن، روھىي داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ، يېڭى ناتىققا كۆچىدۇ. 6 - دەۋرنىڭ ناتىقى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن سامىت ھەزرىتى ئەلى ۋاپات بولدى، ئۇلارنىڭ روھى داۋاملىق مەۋجۇت بولىدۇ. 7 - ئايلىنىش دەۋرىگە كەلگەندە، بۇ روھلار مۇھەممەد بىننى ئىسمائىل ۋە ئابدۇللا بىننى مەئمۇنغا كۆچىدۇ. مۇھەممەد بىننى ئىسمائىل 7 - سامىتتۇر ھەمدە قايتىدىن پەيدا بولۇپ 7 - ناتىق بولۇپ، 7 - تارىخىي دەۋرنى باشلايدۇ. بەلكى بۇرۇنقى قانۇنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېڭىدىن ۋەھىي بولغان ئايەتلەرنى ۋە باتىن ھەقىقەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئاشكارلىنىشىنى ئېلىپ كېلىپ، ماددىي دۇنياغا خاتىمە بېرىپ، ئىنساننى ئاخىرەت سورىقى قىلىدۇ. ئۇ قايتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى 12 خوجا (مۇبەللىغ) دىنىي ئىشلارنى ئىسمائىلنىڭ ئورنىدا ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، دەپ قارىغان.
(2) ئالەمنىڭ ئېقىپ چىقىشى توغرىسىدىكى تەلىمات. بۇ تەلىماتنى Ⅹ ئەسىردە مۇشۇ مەزھەپنىڭ دائىسى نەسەفى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دەپ قارىغان: ئاللا بىردىنبىر ئالىي بەرھەقتۇر. ئاللانىڭ مۇئەييەن شەكلى بولمايدۇ. ھېچقانداق بەلگە - ئالامىتىمۇ ۋە نامىمۇ بولمايدۇ. ئاللا كىشىلەرنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ھەممە مەۋجۇدىيەتلەر ۋە غەيرىي مەۋجۇدىيەتلەردىن ھالقىپ كېتىدۇ. ئالەمدىكى ئىدراكنى ئاللا ئۆزىنىڭ مۇددىئاسى (ھېكمىتى) بىلەن ياراتقان، ئۇ تۇنجى ئىپتىدائىي بەرھەقتۇر، ئاللانىڭ ھېكىمىتىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر؛ ئالەم ئىدراكىدىن ئالەمنىڭ روھىي ئېقىپ چىققان. ئالەم روھىدىن يۇلتۇزلۇق يەتتە ئاسمان جىسمى پەيدا بولغان. بۇ جىسىملارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ماكانى بولىدۇ ھەم ئۆزى ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىشى ئارقىلىق، قۇرۇق، ھۆل، سوغۇق، ئىسسىق قاتارلىق ئامىللار (خۇسۇسىيەتلەر) نىڭ ئارىلشىشىدىن تۇپراق، سۇ، ھاۋا ۋە ئېفىردىن ئىبارەت تۆت ئېلېمېنت شەكىللەنگەن؛ بۇ بىرىكمىلەردىن ئۆسىدىغان جېنى بار ئۆسۈملۈكلەر پەيدا بولغان. ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە سەزگۈ جېنى بار مەخلۇقلار پەيدا بولغان. مەخلۇقلار ئىچىدە ئىدراك جېنى بار ئادەملەر پەيدا بولغان. بۇ ئالەم سىستېمىسى ماددىنىڭ روھتىن پەيدا بولغانلىقىنى، كىچىك ئالەمدىكى ئىنسان بىلەن چوڭ ئالەمدىكى ماددىي ئالەمنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى، يۇلتۇزلارنى ۋە ماددىي دۇنيانى ئاللانىڭ بىر تۇتاش ياراتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. Ⅺ ئەسىرنىڭ باشلىرى دائى ھەمىددىن كىرمەن (؟ - 1021) سەل پەرقلىنىدىغان ئالەم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالەمنىڭ شەكىللىنىشىنى 10 ئىدراك باسقۇچىغا بۆلۈپ، روھنىڭ چوڭ رولىنى تەكىتلىگەن.
(3) <قۇرئان كەرىم> نىڭ باتىن مەنىسى توغرىسىدىكى تەلىمات. بۇ مەزھەپ ئۆز ئەقىدىسىگە ئاللا ۋەھىي قىلغان مۇقەددەس ھەقىقەتنى ئاساس قىلىپ، دىنىي نوپۇزىنى تىكلەش ئۈچۈن، <قۇرئان كەرىم> نىڭ باتىن مەنىسى توغرىسىدىكى تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مەزھەپنىڭ قارىشىچە، ئاللا ۋەھىي قىلغان <قۇرئان كەرىم> نىڭ زاھىر ۋە باتىن مەنىلىرى بولۇپ، ئۇلار تاشقى ئامىللىق ۋە ئىچكى مەنىلىككە ئايرىلىدۇ. زاھىر مەنا ئايەتلەرنىڭ ئوچۇق مەنىسى توغرىسىدىكى جامائەت ئېتىراپ قىلغان تەپسىرلەرنى ۋە بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن بەلگىلەنگەن شەرىئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ دەۋرنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن بۇ خىل تەپسىر ۋە شەرىئەتتە مۇئەييەن ئۆزگىرىشلەر يوشۇرۇنغان ئىچكى سىرلىرى بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتى ھېسابلىنىدۇ. باتىن مەنا ھەر قانداق دەۋردىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇ ئۆزىلا بلگۈچىنىڭ تەپسىر قىلىش ياكى تەمسىل قىلىش، بىشارەت بېرىش ياكى ئوخشىتىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن چۈشەندۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ سىرىنى ئېچىپ، ئىچكى ھەقىقەتنى چۈشىنىش دەرىجىسىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئايەتلەردىكى دىن ھەقىقىتىنىڭ ئىچكى مەنىسى يۈزەكى شەكىل تەرىپىدىن يېپىلىپ قالغانلىقتىن، مەخپىي دەۋەت قوبۇل قىلمىغان ئادەم ئۇنىڭ پەردىسنى ئاچالمايدۇ، دىننىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنەلمەيدۇ. بۇ مەزھەپنىڭ دائى ۋە تەپسىرچىلىرى بۇ تەلىماتقا ئاساس تېپىش ئۈچۈن، <قۇرئان كەرىم> دىكى سۈرە - ئايەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، سۈرە بېشىدا قىسقارتىپ يېزىلغان ھەرپلەر، سۈرە - ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدە ئۆزىنىڭ ئەقىدە تەشەببۇسىغا لايىق كېلىدىغان تەپسىرلەرنى قىلدى ھەمدە ئەقىدىسىنىڭ <قۇرئان كەرىم> نىڭ باتىن مەنىسىنى مەنبە قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
(4) غايىب ئىمامنىڭ پات ئارىدا دۇنيادا پەيدا بولۇش تەلىماتى. بۇ مەزھەپ شىئە مەزھىپىنىڭ ئىمام تەلىماتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ مەزھەپ ئەمەل قىلغان يەتتىنچى ئىمام ئىسمائىل ياكى ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد بىننى ئىسمائىل ۋاقىتلىق غايىب بولغان ئىماملاردۇر. ئۇلار ئاللا ئاتا قىلغان ھېكىمەتكە ۋە مەخپىي بىلىمگە ئىگە. ئۇلار ئاللانىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىلىپ، مەھدى (قۇتقۇزغۇچى) سۈپىتى بىلەن دۇنيادا قايتا پەيدا بولۇپ، يامانلىقنى جازالايدۇ. يېڭىدىن ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىدۇ، ئادالەتكە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋر ئاچىدۇ. غايىب ئىمام قايتا پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى دىنىي ئىشلارغا <خوجا> لار رەھبەرلىك قىلىپ تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. كېيىن بۇ مەزھەپتىكى تارماق مەزھەپلەرنىڭ كاتىباشلىرى ئۆزىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ، دىنىي نوپوزىنى تىكلەشكە ئۇرۇندى. فاتىمىيە سۇلالىسىنى قۇرغۇچى ئۇبەيدۇللا ئۆزىنى مەھدى، غايىب ئىمامنىڭ ۋەكىلى دېدى، ئالتىنچى ئىمام ھاكىم ئۆزىنى يەنىمۇ ئىلاھلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى دۇنيا روھىنىڭ ئىپادىلىنىشى، ئاللانىڭ زېمىندىكى خەلىپىسى، بۇ دۇنيانىڭ ئىمامى (ھايات ئىگىسى) دېدى. نىزارىيىنىڭ تۆتىنچى شەيخى ھەسەن ئىبنى مۇھەممەد ئۆزىنى ئاللادىن چەكسىز ھوقۇققا ئىگە بولغان ئىمام، ھەقىقەتنىڭ ۋەكىلى، دېدى. ھەتتا زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى. ئاللانىڭ ئەمرىگە بىنائەن قىيامەت سورىقى قىلىمەن دېدى.
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلامىيەت تارىخىدا ئىسمائىلىيە مەزھىپى ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار ساھەلىرىدە كەڭ ۋە چوڭقۇر تەسىر پەيدا بولدى. ھازىر ئىسمائىلىيە مۇخلىسلىرى تەخمىنەن يەتتە مىليوندىن ئاشىدۇ. ئۇلار ئاساسلىق ئىران، ئىراق، ئافغانىستان، سۈرىيە، پاكىستان، ھىندىستان، لىۋان، پەلەستىن قاتارلىق رايونلارغا جايلاشقان.