Uyghur主要词典
ئىسكراچىلار
دۇنيا تارىخى
كونا ئىسراكچىلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ لېنىن رەھبەرلىك قىلغان مەزگىلدە نەشر قىلىنغان <ئىسكرا> گېزىتى (15 - ساندىن ئىلگىرىكى) دىكى ماركسىزملىق لۇشيەننى ھىمايە قىلغان ئىنقىلابچىلارنى كۆرستىدۇ. <ئىسكرا> گېزىتى ماركسىزمنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئاغمىچىلىققا قارشى تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇشقا ئائىت يېتەكچى خاراكتىردىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. شۇ ئارقىلىق تارقاق ھالەتتە تۇرغان ماركسىزمچى تەشكىلاتلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيىۋى ۋە تەشكىلىي جەھەتتە، روسىيە پرولېتارىيات ئىنقىلابىي پارتىيىسىنى قۇرۇشتا غايەت زور رول ئوينىغان ئىسكراچىلارنىڭ كۆپ قىسمى كېيىن بولشېۋىكلاردىن بولۇپ قالغان.