Uyghur主要词典
ئىسكەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە نەرسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى.
<جوسۇن> لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ھۈنەرنى بىر كىشىدىن ئۆگەن، ئىسكەتنى مىڭ كىشىدىن. تاۋاقنىڭ سىرى كەتسىمۇ سىنى كەتمەس. بېخىل خۇش بولسىمۇ، سىياقى ئۆزگەرمەس. قىياپىتى ئادەم، قىلىقى ھايۋان. جوسۇنى زەپ كېلىشكەن سىكىلەك ئىكەنا. فىگۇرا چىقىرىپ ئويناش ئۇستىسى ھەممىنى ھەيران قىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىشىلەرنىڭ تەقى - تۇرقى، قامەت؛ فىگورا؛
ئىسكەتى كېلىشكەن يىگىت.
نەرسىلەرنىڭ تۈزۈلۈش قۇرۇلمىسى، ھالىتى؛ فورما، نۇسخا.
ئىسكەتى چىرايلىق ئۆتۈك.