Uyghur主要词典
ئىش تېرىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر يامان ۋەقە چىقارماق، ھادىسە، كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلماق.
ئۇ قاراپ تۇرۇپلا ئۆزىگە ئىش تاپتى. ماڭا نېمە، - دېدى ئۇ چىقىپ كېتىۋېتىپ، - ئىش تېرىغان مەن ئەمەس، پەرىزات. ئۇ دائىم ۋەقە چىقىرىپلا يۈرىدۇ. چاتاق چىقارغان چوقۇم بىر چاتاققا قالىدۇ. بالا تېرىغان جاجىسىنى يەر.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ۋەقە تۇغدۇرماق، چاتاق چىقارماق، يامان ئاقىۋەت كەلتۈرمەك، جېدەل چىقارماق: - بالام بەك شوخ، ئۇنى بىرەر ئىش تېرىپ قويمىسۇن، دەپ ئەنسىرەيمەن، - دېدى ئايىخان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ۋەقە پەيدا قىلماق، چاتاق چىقارماق؛
بالام بەك شوخ، ئۇنى بىرەر ئىش تېرىپ قويمىسۇن، دەپ ئەنسىرەيمەن.