Uyghur主要词典
ئىشتىياق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۈچلۈك ئىستەك، ئىنتىلىش؛ شەۋق، زوق:
قارا زۇلفۇڭ فراقىد ەپەرىشان رۇزغارىم بار،
يۈزۈڭنۇڭ ئىشتىياقىدە نې سەبرۇ نې قەرارىم بار.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شوقلانماق، زوقى كەلمەك، سېغىنماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىزىقىش.
ئېستېتىك زوق ئالماق. مېنى ئەسىر قىلار شوقى بار كىشى، گەدىنىمدە ئىشىقنىڭ زوقى بار كىشى، سەن نەدىن بىلىسەن ئىشىق لەززىتىنى، بۇ شارابنى ئىچكەي زوقى بار كىشى. زوق - شوق بىلەن يېزىلغان يېرىم ۋاراق، زوقسىز يۈز كىتابتىن ياخشىراق. ئىشتىياق _ بىلىمگە ئېرىشىشنىڭ تۇنجى قەدىمى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىزىقماق، قىزىقسىنماق.
قېرىلىقىغا زوقلانما، ئەخلاقىنى ھۈرمەتلە. ھەقىقەتنىڭ يېڭىشىدىن شوقلان. بىلىمگە ئىشتىياق باغلا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ئىش ياكى بىرەر نەرسە، ئىشقا بولغان زوق قىزىقىش؛ زوق، ھەۋەس.
سارىخان ئانا باغ ئارىسىدىكى بىر تاسما بوش يەرگە ئىشتىياق بىلەن گۈل ئۆستۈرۈپ، ھويلا ئىچىنى چوغدەك قىزارتتى.