Uyghur主要词典
ئىشلەمچى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
گومىنداڭ ۋاقتىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغا ئىش ئىزدەپ چىققان كەمبەغەل - ياللانما دېھقانلار.
ئىشلەمچىلەر گۇچۇڭدا ئورما ئورۇپ، ھەققىنى ئاللالماي ئاۋارە بوپتۇكەن. يېتىمچىنىڭ كۈنى ئىتنىڭ كۈنىدىنمۇ بەتتەر ئىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. جىسمانىي ئەمگەك بىلەن تىرىكچىلىك قىلغۇچى ئادەم؛ مەدىكار؛ ئەمگەكچى.
مېرۇل قېرىنىڭ چاپارمەنلىرى ھەرىكەتكە كەلسىمۇ، ئىشلەمچىلەر بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى.
سۈپ. ئەمگەكچان، ئىشچان.
شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئوتۇنچى قىزى بىلەن بەخت - دۆلەتكە ئىگە بولۇپ، قىزىنى ئۆزىگە ئوخشاش سادددا بىر ئىشلەمچى يىگىتكە توي قىلىپ بېرىپ، خاتىرجەم ۋە خۇشال - خۇرام كۈن كەچۈرۈشكەنىكەن.