Uyghur主要词典
ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشنىڭ بەلگىلىك شەكلى. بۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ شەخسكە، سىنىپقا، گۇرۇھلارغا ياكى جەمئىيەتكە مەنسۇپلۇقى مەسىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ كىمگە تەۋە بولۇشى، كشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئورنى ۋە ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى ھەمدە مەھسۇلاتلارنىڭ تەقىسملىنىش خاراكتىرى بىلەن شەكلىنى بەلگىلەيدۇ، بەلكى يەنە ھەرخىل ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي فورماتسىيىلەرنى پەرقلەندۈرىدىغان مۇھىم بەلگە ھېسابلىنىدۇ. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىش ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمىنىڭ مۇناسىپ ئۆزگىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمىنىڭ شەكلى ئاساسەن ئومۇم مۈلۈكچىلىكى ۋە خۇسۇسىيلار مۈلۈكچىلىكىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىلغان. ئومۇم مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى باشلانغۇچ كوممۇنا ئومۇم مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە سوتسىيالىستىك ئومۇم مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى دەپ بۆلۈنىدۇ، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن ئىچكى قىسمىدا يەنە بىر نەچچە تۈرلەر (مەسىلەن: ئۇرۇق مۈلۈكچىلىكى، قەبىلە مۈلۈكچىلىكى، كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكى، ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكى) بار. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈم ئاساسىي جەھەتتىن ئۈچ خىل يەنى: قۇلدارلىق تۈزۈم خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكى، فېئوداللىق تۈزم خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكى ۋە كاپىتالىستىك تۈزۈم خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكىدىن ئىبارەت. بۇلاردىن باشقا بىر قانچە ئارىلىقتىكى، ئۆتكۈنچى تۈرلەر بار. ئادەتتە بىر خىل ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي فورماتسىيىدە بەلگىلىك بىر خىل ئىگىدارچىلىق تۈزمۈى يېتەكچى ئۇرۇن تۇتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقا خىل ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى شەكىللىرىمۇ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.