Uyghur主要词典
ئىسفاھان جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىراندىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى ئىسفاھان شەھىرى ئىچىدىكى كونا كوچا بازىرىدا. Ⅺ ئەسىردە بۇرۇنقى زاراتوسترا دىنىنىڭ بۇدخانىسى ئورنىغا سېلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ⅩⅧ ئەسىرگىچە ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ ۋە كېڭەيتىپ سېلىندى، رېمونت قىلىندى. بۇ مەسچىت پارس بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بولۇپ، گۈمبەزگە ۋە مەسچىتنىڭ سىرتىغا رەڭلىك ساپال چاقچۇق چاپلانغان، رەسىمدەك چىرايلىق كۆرۈنىدۇ