Uyghur主要词典
ئىسفاھانىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
يېقىنقى زامان ئىران شىئە مەزھىپىدىكى دىنىي پەلسەپە ئىلمى ئېقىمى بولۇپ، ئىراننىڭ ئىسفاھان شەھىىرنى مەركەز قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. تەسەۋۋۇپچى ئىشراقىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ھېكمەتۇللا بىلىملىرى جەھەتتە تەرەققىي قىلغانلىقتىن، ھېكمەتۇللا پەلسەپە ئېقىمى دەپمۇ ئاتالغان. بۇ ئېقىمنى مۇھەممەد باقىر ئەسترابادى (؟ - 1631) بەرپا قىلدى. ئەبۇ قاسىم ئەسترابادى (؟ - 1640)، موللا تەبرىز (؟ - 1680) قاتارلىق كىشىلەر بۇ ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلدى. بۇ ئېقىم سەفەۋىيە سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ئابباس Ⅱ (1642 - يىلىدىن 1646 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ قوغدىشىغا ۋە شىئە مەزھىپىدىكى ئۆلىمالارنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولدى. بۇ ئېقىمنىڭ ئىدىيىسى Ⅻ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان تەسەۋۋۇپچى مۇتەپەككۇر سۇھرەۋەردى (1154 - 1191) نىڭ ئىدىيىسىنى مەنبە قىلغان. بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسىي دىنىي پەلسەپە قارىشى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) روھ قارىشى بىلەن ئىبىن سىنا پەلسەپىسىنىڭ ئالەم قارىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، 14 <پاك روھ> (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، بۈۋى فاتىھە ۋە شىئە مەزھىپىنىڭ 12 ئىمامى) نى <ئاكتىپ پاراسەت> نىڭ ئورنىغا قويۇپ، مەۋجۇت ئانتولوگىيىنىڭ مەنبەسى قىلىدۇ. (2) تونۇغىلى بولىدىغان ئىدراك دۇنياسى بىلەن ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئىدراك دۇنياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇستەقىل ئوبراز دۇنياسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىدۇ، مەۋجۇدىيەت ماھىيەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا مەۋجۇدىيەتنى مىتافىزىكىنىڭ تۈپ قائىدىسى قىلىدۇ. (3) ھەرىكەت كۆز قارىشىغا ئىشىنىدۇ. مەۋجۇد بولغانلىكى شەيئىلەر ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ كامالەتكە يېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. (4) شەيئىلەنىڭ پەرقىنى روھ دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى بەلگىلەنگەنلىكىگە، روھنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىغا، تىرىلىش ئىنسان روھىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئىسفەھانىيە كېيىن شەيخىيەگە تەرەققىي قىلىپ، ⅨⅩ ئەسىردە شىئە مەزھىپىدىكى ئۆلىمالارنىڭ زەربىسى بىلەن تەدرىجىي خارابلاشتى.