ئىرماش-چىرماش[يەشمىسى:] ① ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق نەرسە، سىزىق ھەم شۇ قاتارلىقلار ئۆزئارا كىرىشىپ، گىرەلىشىپ، ئارىلىشىپ كەتكەن:[مىسال:] ئىرماش-چىرماش سىزىقلار. ئىرماش-چىرماش ئىزلار.[يەشمىسى:] ② مۇناسىۋەت جەھەتتە ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ كەتكەن، مۇناسىۋىتى، ئالاقىسى ھەددىدىن زىيادە يېقىن، بىر-بىرىگە ئۆتۈشكەن:[مىسال:] ئىرماش-چىرماش باغلىنىش.[يەشمىسى:] ③ ئۆزئارا چېتىشلىقى بولغان، مۇناسىۋەتلىك بولغان:[مىسال:] ئۇ بىئولوگىيىنىڭ باشقا پەنلەر بىلەن ئىرماش-چىرماش ئالاقىسى بارلىقىنى ئاستا-ئاستا سېزىشكە باشلىدى.