Uyghur主要词典
ئىرلاندىيە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ئىرلاندىيىدىك ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇش. كەڭ كۆلەمدە بولغىنى ئۈچ قېتىم: (1) 1641 - يىلدىكى ئۇرۇش. 1641 - يىل 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئىرلاندىيىدە مىللىي قوزغىلاڭ پارتلىغان. 21 - ئايدا كاتولىك دىنىدىكى نۇرغان چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ئۇنىڭغا قاتناشقان، 1644 - يىلى 5 - ئايدا ئىرلاندىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئالىي يىغىن تەسىس قىلىنغان. 1649 - يىلى كرومۋېل ئۆزى ئەسكەر باشلاپ بېرىپ باستۇرغان. (2) 1789 - يىلدىكى ئۇرۇش. تونې (1763 - 1798) باشچىلىقىدكى ئىرلاندلار بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە مىللىي قوزغىلاڭ پارتلىغان (<ئىرلاندلاربىرلەشمىسى>گە قاراڭ). (3) 1916 - يىلدىكى ئۇرۇش. يەنى <ئىرلاندىيە پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭى>.