Uyghur主要词典
ئېرا توستېن
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 275 - 194). قەدىمكى يۇنان جۇغراپىيونى، ئاسترونومى ۋە ماتېماتىكى. شىمالىي ئافرىقىدىكى سىرېنېدا تۇغۇلغان. ئافىنادا ئوقۇغان. پتولېمىي خاندانلىقى (مىسىرنىڭ) تەكلىپى بويىچە، ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنى باشقۇرغان (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 235). ئۇ بىلىملىك، تالانتلىق شۇنداقلا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان يازغۇچى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ياسىغان <سىركۇل> ئىسكەندىرىيەدە ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يوقىلىپ كەتكەن، بۈگۈنكى كۈندە بىرنەچچە پارچە قالدۇقلىرىلا قالغان. ئاساسلىقى <جۇغراپىيە> (ئۈچ توم): بىرىنچى تومى مۇقەددىمە، ئۇنىڭدا ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ جۇغراپىيىگە ئائىت تەتقىقاتلىرى بايان قىلىنغان، يەرشارى دۈگىلەك، بىراق مىدىرلىمايدۇ دەپ ھېسابلانغان؛ ئىككىنچى تومى <ماتېماتىكىلىق جۇغراپىيە> دەپ ئاتىلىپ، ئۇنىڭدا يەرشارىنىڭ چوڭ - كىچىكىلىكى تۇنجى قېتىم ھېسابلاپ كۆرۈلۈپ ، يەر شارى ئېكۋاتورىنىڭ چەمبىرىكىنىڭ ئەمەلىي ئۇزۇنلۇقىغا تولىمۇ يېقىن كېلىدىغان نەتىجىنى چىقارغان (44 مىڭ كىلومېتېر)؛ ئۈچىنچى تومى <سىياسىي جۇغراپىيە> دەپ ئاتىلىپ، ئۇنىڭدا ئىلگىرىكى ساياھەتچىلەر ۋە جۇغراپىيە ئالىملىرىنىڭ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلنىپ، <ھېراكلېس تاش تۈۋرۈكى> (جەبىلتارىق بوغۇزى) دىن تارتىپ ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى نۇرغۇن دۆتلەر ۋە رايونلارنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنغان. <جۇغراپىيە> دە پايدىلىنىدىغان خەرىتىلەر قوشۇمچە قىلىنغان، ئۇنىڭدا شەھەرلەر، تاغ تىزمىلىرى، دەريا - كۆللەر ۋە ھاۋارايى قاتارلىقلار كۆرستىلگەن. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ۋە ئۇسۇلى كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى سترابون قاتارلىق قەدىمكى زامان جۇغراپىيە ئالىملىرىغا، شۇنىڭدەك كېيىنكى ياۋرۇپا جۇغراپىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە <دەۋرلەر ئېقىمى>، <كۇياتكا كومېدىيىسى ھەققىدە> دېگەنەە ئوخشاش تارىخشۇناسلىق ۋە شېئىرىيەتكە ئائىت ئەسەرلەنى يازغان.