Uyghur主要词典
ئېراسمۇ
دۇنيا تارىخى
(1465 - 1536) نېدېرلاندىيىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى گۇمانتارىست. گوللاندىيەنىڭ روتتېردام دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا موناستىرغا كىرىپ، مەدرىس پەلسەپىسى ۋە مىسسىئونېرلىق تۇرمۇشىدىن بىزار بولغان. 1495 - 1499 - يىللىرى پارىژدا ئوقۇغان. ئەنگلىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيىدە تۇرغان. 1513 - يىلى شۋېتسارىيىنىڭ بازېل دېگەن يېرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان؛ زامانداش گۇمانتارىستلار بىلەن بولۇپمۇ تۇماس مور بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولغان. لاتىن ۋە يۇنان يېزىقىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ <ئىنجىل> نى گرېكچىدىن لاتىنچىغا تەرجىمە قىلغان ھەمدە گرېك ئېلىپبەسىنڭ ئوقۇلۇشىنى بېكىتىپ چىققان. مەشھۇر ئەسىرى <نادانغا مەدھىيە> (1509) ھەجۋىي ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا چېركاۋلارنىڭ ساختىلىقى، مىسسئونېرلارنىڭ شاللاقلىقى ۋە دەھرىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قورقۇنچاقلىقى ئۆتكۈر سۆزلەر بىەن مەسخىرە قىلىنغان. <ئائىلىدىكى گەپلەر> دېگەن ئەسىرىمۇ بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپانىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى تەسۋىرلەنگەن.