Uyghur主要词典
ئىپتىدائىي توپ
دۇنيا تارىخى
ماركس، ئېنگېلس ۋە مورگاننىڭ <توپ> دېگەن سۆزى <كۆچمەنلەر> ياكى <ئىپتىدائىي كۆچمەنلەر>، <توپ> ياكى <ئىپتىدائىي توپ> دەپ تەرجىمە قىلىنغان.لېنىن 1913 - يىلى 12 - ئايدا گوركىيغا يازغان خېتىدە <ئىپتىدائىي توپ> دېگەن سۆزنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن (<لېنىن ئەسەرلىرى>، 35 - توم، خەل نەشرىياتى 1959 - يىل خەنزۇچە نەشرى، 111 - بەت). ئىپتىدائىي توپنىڭ خاراكتىرى ۋە يىل چېكى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ پىكرى بىردەك ئەمەس. بەزىلەر: ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن باشلىنىپ، ماترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىقىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاياغلاشقان، كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇ ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولۇپ، مايمۇنسىمان ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتىغا كىرىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر: لاما قەدىمكى زامان مايمۇنى ۋەكىللىك قىلغان <ئارىلىقتىكى ئادەم شەكىللەنگەن> ئىپتىدائىي تەشكىلات، تېخى ئىنسانلار جەمئىيىتى كاتېگورىيىسىگە كىرمەيدۇ؛ 14 مىليون يىلدىن ئىلگىرى مايمۇندىن ئادەمگە ئايلىنىشتىن باشلىنىپ، 3 مىليون يىلنىڭ ئالدىدا دەسلەپكى مايمۇنسىمان ئادەمنىڭ ۋە قانداشلىق جەمەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، مورگاننىڭ دەۋر ئايرىش ئۇسۇلىدىكى ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ، كېيىن ئىپتىدائىي توپنىڭ خۇسۇسىيىتى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلانغان: تەبىئىي قوراللارنى ئىشلەتكەن، تەبىئىي يېمەكلىكەرنى يىغقان ياكى ئوۋلىغان، قورال - سايمان ياساشنى ۋە ئوت ئىشلىتىشنى تېخى بىلمىگەن، توپنىڭ دائىرىسى چەكلىك، تەرەپ - تەرەپكە يۆتكىلىپ تۇرغان؛ قالايمىقان جىنسىي ئالاقە قىلىشقان، نىكاھ، ئائىلە بولمىغان؛ توپ ئىچىدە تېخى ئەمگەك تەقسىماتى بولمىغان، سۆز بوغۇنلىرى پەيدا بولغان.