Uyghur主要词典
ئىپتىدائىي يادرولۇق جانلىق ئورگانىزم
بىئولوگىيە
يادروسى ئىپتىدائىي جانلىق ئورگانىزملاردۇر. ئۇلار ئاساسەن، كۆك يۈسۈن، باكتېرىيە، رىككېتسىيىلەر، خلامىدىيە ۋە سپىروخېتا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىپتىدائىي يادرولۇق جانلىقلارنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى ئادەتتىكى ھۈجەيرىلەرنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ. ھۈجەيرىسى ئىچىدە DNA ۋە RNA بولىدۇ، يادرو ماددىسى بىلەن سىتوپلازما ئوتتۇرىسىدا روشەن يادرو پەردىسى بولمايدۇ. شۇڭا تىپىك ھۈجەيرە يادروسى بولمايدۇ (يەنى پەقەت بىر تال قوش بۇرمىلىق DNA دىن تۈزۈلگەن تەقلىدىي يادرو بولىدۇ، DNA بىلەن بىرىكىپ تۇرىدىغان ئاقسىل بولمايدۇ)؛ ھۈجەيرىسىدە خوندرىئوسوما، گۈلگى تەنچىسى، ئىچكى پلازما تورى ۋە پلاستىد قاتارلىق ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرى بولمايدۇ؛ قىل ئايىغىنىڭ تۈزۈلۈشى ئاددىي بولۇپ، يالغۇز يىپتىن تۈزۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتتىن ئوزۇقلىنىدۇ (كۆك يۈسۈندىن باشقىلىرى)، بۆلۈنۈپ ياكى بىخ چىقىرىپ كۆپىيىدۇ.