Uyghur主要词典
ئوخشىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
باشقا بىرەر ئادەم ياكى نەرسىدە بار بولغان خاراكتېر ياكى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولماق. بىرەر بەلگىسى، ئالاھىدىلىكى ياكى شۇنداق سۈپەتلىرى بىلەن شۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان باشقا بىرەر نەرسە ياكى كىشىنى ئەسلەتمەك.
ئوغۇل تاغقا ئوخشار، قىز باغقا (ماقال).
<ئوخشايدۇ> شەكلىدە بىر قىسىم ئىسىم، سۈپەت، سۈپەتداشلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ، بىرەر ئىش - ھەرىكەت، ھالەت ۋە شۇ قاتارلىقلار ھەققىدە تەخمىنىي مۆلچەرنى بىلدۈرىدۇ.
كاككۇكلار كېلىپ قاپتۇ، باھار بولغان ئوخشايدۇ. كۆڭلۈم خۇش بولۇپ قاپتۇ، يارىم كەلگەن ئوخشايدۇ.
ناھايىتى ياخشى بولماق، كۆڭۈلدىكىدەك بولماق، ئادەتتىكىگە نىسبەتەن ناھايىتى ئېسىل بولماق.
بۇ يىل پاختا بەك ئوخشىدى.