Uyghur主要词典
ئوخشاش مەنبەلىك خروموسوما
领域: بىئولوگىيەنورمال ئىككى ھەسسە تەنچىلىك تەن ھۈجەيرىسىدىكى ھەر قانداق بىر تال دائىمىي خروموسومىغا نىسبەتەن تۈزۈلۈشى، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە ئىرسىيەتتىكى رولى ئوخشايدىغان ماس ھالدىكى يەنە بىر تال خروموسوما بولۇپ، ئۇلار بىر جۈپ ئوخشاش مەنبەلىك خروموسوما دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم باسقۇچىدىن سۈرۈشتۈرگەندە ئۇلارنىڭ بىر تېلىنىڭ ئاتىلىقتىن، يەنە بىر تېلىنىڭ ئانىلىقتىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. يىپلىق بۆلۈنۈش جەريانىدا ئوخشاش مەنبەلىك خروموسومىلار ئادەتتە جۈپ تۈزمەيدۇ، ئەمما سەن كېمەيتىپ بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىنقى دەۋرى Ⅰ دە ئوخشاش مەنبەلىك خرومۇسومىلار ئىككى - ئىككىدىن جۈپ تۈزىدۇ ھەمدە ئىرسىي ماددىنى ئالماشتۇرىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。