Chinese→Uyghur主要词典
有意注意
مائارىپ
yǒu yì zhù yì
ئاڭلىق دىققەت
پسىخولوگىيە
ئاڭلىق دىققەت
(ئىختىيارىي دىققەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئالدىن بەلگىلەنگەن مەقسىتى بولغان، زۆرۈر تېپىلغاندا يەنە مەلۇم ئىرادە، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدىغان دىققەتتۇر. بۇ بىر خىل تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇئەييەن پائالىيەت ۋەزىپىسىگە بويسۇنىدىغان دىققەتتۇر. مەسىلەن: كۆڭۈل قويۇپ بېرىلىپ تۇرۇپ ئۆگىنىش ئاڭلىق دىققەت قىلىشنىڭ ئىپادىسى.
ئاڭلىق دىققەتنى قوزغاش ۋە ئۇنى ساقلاشنىڭ ئاساسىي شەرتلىرى مۇنۇلار: (1) پائالىيەتنىڭ مەقسەت ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، پائالىيەتنى مۇۋاپىق تەشكىللەش، پائالىيەتنىڭ مەقسەت ۋەزىپىسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى قانچە ئېنىق، قانچە چوڭقۇر چۈشەنسە، ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئارزۇسى قانچە كۈچلۈك بولسا، ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا مۇناسىۋەتلىك شەيئى كىشىنىڭ دىققىتىنى شۇنچە كۈچلۈك قوزغايدۇ. (2) ۋاسىتىلىك قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈش، پائالىيەتنىڭ مەقسىتىگە قىزىقىش، پائالىيەتنىڭ نەتىجىسىگە قىزىقىش ئاڭلىق دىققەتنى ساقلاشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. (3) كۈچلۈك ئىرادە بىلەن كاشىلىغا قارشى كۈرەش قىلىش، ئاڭلىق دىققەتتە ۋەزىپىنى تاماملاشقا مۇناسىۋەتسىز كاشىلىلارنى يوقىتىش ئۈچۈن مەلۇم تەدبىر قوللىنىش لازىملىقىدىن باشقا يەنە كۈچلۈك ئىرادە بولۇش، بارلىق توسالغۇلارغا قارشى كۈرەش قىلىش لازىم.