Chinese→Uyghur主要词典
有意识记
مائارىپ
yǒu yì shi jì
مەنىلىك خاتىرە
پسىخولوگىيە
ئاڭلىق ئەستە قالدۇرۇش
ئەستە قالدۇرۇشنىڭ بىر خىلى. بۇ ئۆزىنىڭ بىلىم، تەجرىبىسىگە تايىنىپ ئەستە قالدۇرىدىغان ماتېرىيالنى چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇش بولۇپ، كىشى ئۆزىنىڭ بىلىم تەجرىبىسىگە تايىنىپ چۈشىنىش ئاقىلىق، شەيئىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىچكى باغلىنىشلىرىنى ئەستە قالدۇرۇش جەيانىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: ئىلمىي پرىنسىپلار، تارىخىي ۋاقىئەلەرنى ئۆگىنىشتە، ئادەتتە سۆز - جۈملىلەر ئۆلۈك يادلىۋېلىنمايدۇ. بەلكى ئانالىز - سىنتېزلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاساسىي مەنىسى بىلەن لوگىكىلىق مۇناسىۋەتلىرى تونۇش قۇرۇلمىسىغا (رېنجژ قۇرۇلمىسىغا) كىرگۈزۈلۈپ، خاتىرىدە ساقلىنىدۇ. مانا بۇ ئاڭلىق ئەستە قالدۇرۇش بولىدۇ. ئاڭلىق ئەستە قالدۇرۇشنىڭ ئاساسىي شەرتى ئەستە قالدۇرىدىغان ماتېرىيالنى چۈشىنىش، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك بىلىم، تەجرىبىلەر بىلەن زۆرۈر تەپەككۇر قابىلىيىتىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مىخانىزمى چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى سۆز - ئىبارىلەر بىلەن شەكىللەنگەن نۇرغۇن ئومۇملاشتۇرۇلغان، سىستېمىلاشتۇرۇلغان ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشلىرىغا تايىنىپ، بۇ نېرۋا باغلىنىشلىرىنى ئىلگىرى شەكىللەنگەن نېرۋا باغلىنىشلىرى سىستېمىسى بىلەن بىر لەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئاڭلىق ئەستە قالدۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى ئۆلۈك ئەستە قالدۇرۇشنىڭكىدىن ياخشى. مەسىلەن: ئېببىنگخائۇس تەجرىبىسىدە 12 مەنىسىز بوغۇمنى 16.5 قېتىم تەكرارلىغاندا ئېسىدە قالغان. 6 كۇبلىت شېئىرنىڭ 480 بوغۇمىنى پەقەت 7.75 قېتىم ئوقۇپلا ئەستە قالدۇرغان. كىشىلەر پەقەت مۇشۇنداق ئاڭلىق ھالدا ئەستە قالدۇرغاندىلا، خاتىرىدە ساقلانغان تۈرلۈك سىستېمىلىق ھەم ئەتراپلىق، چوڭقۇر ھەم مول مەزمۇنلۇق نەزەرىيىۋى بىلىنلىرىنى ساقلاپ، ئەقلىي پائالىيەت ئېلىپ بارالايدۇ.