Uyghur←Chinese主要词典
ئوتتۇرا ئافرىقا فېدېراتسىيىسى
领域: دۇنيا تارىخى中非联邦
zhōng fēi lián bāng
رودېزىيە - نىياسالېند فېدېراتسىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيە دومىنىئونى. يېرىم دومىنىئون - جەنۇبىي رودېزىيە (ھازىرقى زىمبابۇۋى) ۋە ھامىيلىقتىكى دۆلەت شىمالىي رودېزىيە (ھازىرقى زامبىيە) ھەمدە نىياسالېند (ھازىرقى مالاۋى) دىن تەركىب تاپقان. 1953 - يىلى رەسمىي قۇرۇلغان. <فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇنى> غا ئاساسەن، ئۈچ دۆلەت يەنىلا فېدېراتسىيىدىن بۇرۇنقى ئورۇننى ساقلاپ قالغان. ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى بىر نەپەر باش ۋالىي ئەۋەتىپ سىرتقى مۇناسىۋەت، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئىقتىساد، مالىيە ۋە قاتناشنى باشقۇرغان. ئۈچ دۆلەت خەلقىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشى ئارقىسىدا، 1963 - يىلى تارقىتىلغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。