Uyghur←Chinese主要词典
ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى فېدېراتسىيىسى
دۇنيا تارىخى
中美洲联邦
zhōng měi zhōu lián bāng
ئوتتۇرا ئامېرىكا بىرلەشمە ئۆلكىلىرى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ئەسلىدە گۋاتېمالا گېنېرالىغا قاراشلىق بولغان رايونلاردىن گۋاتېمالا، سالۋادۇر، ھوندۇراس، نىكاراگۇئا ۋە كوستارىكادىن ئىبارەت بەش ئۆلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1823 - يىلى 7 - ئايدا، مۇستەقىللىك جاكارلاپ ھەمدە گۋاتېمالا شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. 1824 - يىلى 11 - ئايدا، ئاساسىي قانۇن جاكارلىغان. سالۋادورلۇق مانۇئېل جوسې ئارىسې (1787 - 1847) تۇنجى زۇڭتۇڭ بولغان (1825 - 1828). ھەرقايسى ئۆلكىلەرنى پىكىر ئىختىلاپى ۋە لىبېراللار ھەمدە كونسېرۋاتىپلرنىڭ دە - تالاشلىرى ئارقىسىدا، ئىچكى ئۇرۇش قوزغالغان. كېيىن ھوندۇراسلىق فرانسىسكو مورازان (1792 - 1842) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن (1830 - 1839). 1834 - يىلى پايتەختنى سان - سالۋاردورغا يۆتكىگەن. 1839 - يىلى فېدېراتسىيە يىمىرىلىپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەر مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنى ئايرىم - ئايرىم جاكارلىغان.