Uyghur主要词典
ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرى
دۇنيا تارىخى
ئارخېئولوگىيىلىك دەۋرگە بۆلۈشتە <كونا تاش قورال دەۋرى> بىلەن <يېڭى تاش قورال دەۋرى> ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى باسقۇچ بولۇپ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 15 مىڭ يىل بۇرۇن باشلانغان. ئۇ چاغلاردا ئىنسانىيەت ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە يىغىش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئىشلەتكەن قوراللىرى ئارىسىدا يونۇپ ياسىغان تاش قوراللار ئاساسلىق بولغان، قىسمەن سىلىقداپ ياسىغان تاش قوراللارمۇ بولغان. سىپتا تاش قوراللارمۇ مەيدانغا كەلگەن. ئوقيا كەشىپ قىلىنىپ، ئوۋچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۈنۈمى ئاشقان. ئىت بېقىپ كۆندۈرۈش، ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىپ كۆندۈرۈشنىڭ باشلىنىشى بولغان. بۇ دەۋرنىڭ ئاخىرلاشقان ۋاقتى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئوخشاش ئەمەس. ئەڭ بۇرۇن بولغانلىرى بۇنىڭدىن يەتتە - سەككىز مىڭ يىل بۇرۇنلا يېڭى تاش قورال دەۋرىگە قەدەم قويغان.