Uyghur主要词典
ئوت تۆت كىتاب
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<ئون تۆت دەرسلىك> مۇ دېيىلىدۇ. جۇڭگودىكى ئسىلام دەرىسە تەربىيىسىدە قوللىنىلغان ئون تۆت خىل دەرسلىك كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ دەرسلىكلەر تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ: (1) تىل ئۆگىنىشتە پايدىلىنىدىغان كىتابلار: <تۇتاش بەش كىتاب>، <زەۋھۇل مىسباھ>، گرامماتىكا قامۇسى، ئىستىلىستىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (2) ئەقىدە، فىقھە تۈرىدىكى كىتابلار: <ئىلمىي تەۋھىد>، <مەتنۇل ۋىقايە> نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (3) پەلسەپە - ئېتىكا تۈرىدىكى كىتابلار: <مىرساد> قاتارلىق كىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (4) قۇرئان، ھەدىسكە ئائىت كىتابلار: <تەفسىر جەلالەين>، <قازى>، <ھۈسەين>، <خۇتىبە> نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (5) ئەدەبىيات تۈرىدىكى كىتابلار: <گۈلىستان>. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى ۋاڭ كۇەن خەنزۇچە - ئەرەبچە دەرس ئۆتۈلىدىغان ھازىرقى زامان تەربىيىسىنى تەشەببۇس قىلغاندىن كېيىن، مەدرىسە تەربىيىسىدىكى دەرسلىكلەر مۇشۇ دائىرىدىن چىقىپ كېتەلمىدى.