ئوتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ياغاچ، گاز، ماي قاتارلىق كۆيىدىغان نەرسىلەرنىڭ بەلگىلىك ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلۇق چىقىرىپ كۆيۈش جەريانى، يانغىن، ئاتەش:[مىسال:] بىر قولۇڭغا ئوت ئېلىپ يۈر، بىر قولۇڭغا سۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] شىددەت بىلەن ياندۇرۇلغان، ئۈزلۈكسىز ھالدا كۆپلەپ ئېتىلغان ئوقلار:[مىسال:] پوتەيلەر، ئاكوپلاردىكى ئەسكەرلەر توختاۋسىز ئوت ئاچماقتا ئىدى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەشنالىق بىلەن سېغىنىش، ياد ئېتىش، تەقەززا بولۇش، كۈچلۈك ئىشتىياق؛ ھەددىدىن تاشقىرى قىزىقىش، مايىل بولۇش، ئامراق بولۇش، مۇھەببەت:[مىسال:] چىرايلىقنىڭ ئوتى يامان، سەتنىڭ ھالى (ماقال).[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېغىر بالايىئاپەت؛ قاتتىق روھىي ئازاب، دەرد-ھەسرەت، ئاچچىق ئەلەم، ئېغىر قايغۇ-ھەسرەت:[مىسال:] مېنى بىر ئوتنىڭ ئىچىگە تىقىپ قويۇپتىكەنسىز، دېدى سەلەي خېلىلا يۇمشاپ. * ئۇ يەنە ھېلىقى بىچارىنى ئوتقا ئىتتەردى.