Uyghur主要词典
ئوپېرون
بىئولوگىيە
تەڭشەپ باشقۇرغۇچى گېن بىلە باشقۇرۇلۇپ،تۈزۈلۈش گېنىنىڭ ئىپادىلىنىشىگە ھەمكارلىشىدىغان بىر بىرلىك. ئەڭ بۇرۇن (1961 - يىلى) jacob ۋە Monod لار ئوتتۇرىغا قويغان، يېقىنقى مەزگىللەردە بىر ئاز تەرەققىي قىلدى، لاكتوزا ئوپېروننى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ تۈزۈلۈش گېنى y،z ۋە a (ئايرىم - ئايرىم ھالدا گالاكتوزىدا، گالاكتوزا ئۆتكۈزگۈچى ئېنزىم ۋە ئاتسېتىل ترانسىفېرازىلارنى بەلگىلەيدۇ)، باشقۇرغۇچى گېن (O)، قوزغاتقۇچى گېن (P) لاردىن گېننىڭ بىر ئىپادىلىنىش بىرلىكىنى تۈزىدۇ: ئادەتتىكى ئەھۋالدا تەڭشىگۈچى گېن (i گېنى) نىڭ ھاسىلاتى بولغان چەكلىگۈچى ئاقسىل O گېن بىلەن بىرىكىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوپېرون يېپىلىپ قالىدۇ. ئىندۇكسىيىلىگۈچى ماددا بولغان ھامان چەكلىگۈچى ئاقسىل بىلەن بىرىكىدۇ، بۇ چاغدا چەكلىگۈچى چىقىرىپ تاشلىنىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇ بىر خىل تەتۈر تەڭشەپ باشقۇرغۇچى سىستېما بولىدۇ. يەنە بەزى ئوپېرونلار ئوڭ تەڭشەپ باشقۇرۇلۇش ئاستىدا تۇرىدۇ، i گېننىڭ ھاسىلاتى كۆچۈرۈلۈشنى قوزغىتىدىغان بىر ئاكتىپلاشقان ئاقسىل سۈپىتىدە كۆچۈرۈلۈش باشلىنىدىغان رايون بىلەن بىرىكىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆچۈرۈلۈش زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، ئەرەب ئوپېرونىنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلى ئەنە شۇنداق بولىدۇ