Uyghur主要词典
ئوستروۋىسكىي
دۇنيا تارىخى
(1) ئالېكساندر نىكولايېۋىچ ئوستروۋىسكىي (1823 - 1886)، روسىيىلىك دراماتورگ. سودىيە ئائىلىسدە تۇتۇلغان. موسكۋا داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان چېغىدا ئىنقىلابىي دېموكراتلار ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. سوت مەھكىمىسىدە كۆپ يىل خىزمەت قىلغان. 1847 - يىلى ئىجادىيىتىنى باشلىغان. 1850 - يىلى <ئۆز ئادىمى بىلەن ھېسابلاشماسلىق ئاسان> دېگەن كومېدىيىنى يېزىپ، باي سودىگەر ئائىلىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر - بىرىنى ئالداش ۋە روسىيە جەمئىيىتىدىكى تەڭسىزلىك مۇناسىۋىتىنى پاش قىلىپ، جەمئىيەتنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ۋە چار پادىشھ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قويۇشنى مەنئىي قىلغان. 50 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىجاد قىلغان <شۈكرى قىلىش> ۋە <نامراتلىق گۇناھ ئەمەس> قاتارلىق كومېدىيىلەردە سلاۋىيانچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، فېئودال پاترىئارخاللىق ئادەتلىرىنى پەردازلاپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تېزلىكتە تۈزىتىۋالغان. پومېشچىكلار، سودىگەرلەر، ئۇششاق ئەمەلدارلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىنى ئىجادىيەت تېمىسى قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىدتىن بۇرۇنقى روسىيە جەمئىيىتىنىڭ چىرىكلىكى ۋە قاراڭغۇلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، روسىيىنىڭ تەنقىدىي رېئالىزم تىياتىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەرتكەن. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە 50 پارچىغا يېقىن سەھنە ئەسىرى يازغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىملىرى <تاپاۋەتلىك مەنسەپ>، <گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر>، <چوغدەك يۈرەك>، <بۆرە بىلەن قوي>، <قىز مېلى يوق قىز> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. (2) نىكولاي ئالېكسېيېۋىچ ئوستروۋىسكىي (1904 - 1936). سابىق سوۋېت يازغۇچىسى. ھاراق چىقىرىدىغان ئىشچى ئائىلىسدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن تارتىپلا ئىشلىگەن. 1919 - يىلى قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقان، ئىككىنچى يىلى جەڭدە يارىلىنىپ كەسىپ ئالماشتۇرغان. 1924 - يىلى روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىگە كىرىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى رايونلۇق كومىتېتى، ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. ئىككى يىلدىن كېيىن سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، ئىككى كۆزى كۆرمەيدىغان، پۈتۈن بەدىنى پالەەچ بولۇپ قالغان، ئەمما كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ قەيسەرلىك بىلەن رومان يازغان. 1933 - يىلى <پولات قانداق تاۋلاندى> رومانىنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ، كومسومول پاۋىل كورچاگىننىڭ قەھرىمانلىق ئوبرازىنى ياراتقان. ئۇ يەنە بىر رومان <بوران بالىلىرى> (ئۈچ توملۇق قىلىپ يازماقچى بولغان) نىڭ بىرىنچى تومىنى يېزىپ بولغاندا، دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان.