Uyghur主要词典
ئوستىيە
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيىدىكى قەدىمكى شەھەر، رىما شەھىرىنىڭ تاشقى پورتى. تىبېر دەرياسى ئېغىزىنىڭ جەنۇبىي (سول قىرغىقى) غا جايلاشقان بولۇپ، رىم شەھىرىدىن تەخمىنەن 10 كىلومېتىر يىراقلىقتا. ئېيتىلىشچە رىمنىڭ پادىشاھ ھاكىمىيىتى دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرى 753 - 509) دىكى 4 - پادىشاھ ئەنكۇ مارىسۇس بىنا قىلغان بولۇپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ رىمنىڭ سودا پورتى ۋە ھەربىي پورتىغا ئايلانغان (دېڭىز فلوتى شۇ يەردە تۇرغان). مارى بىلەن سوللانىڭ <ئىچكى ئۇرۇشى> مەزگىلدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇزاق ئۆتمەي قايتا ياسالغان. ئىمپېرىيىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە يەنە كېڭەيتىلىپ، تىبېر دەرياسى ئېغىزىنىڭ شىمالىي (ئوڭ قىرغىقى) دا يېڭى پورت بەرپا قىلىنىپ، رىم پورتى ياكى ئاۋگۇستۇس پورتى دەپ ئاتالغان. شۇنڭ بىلەن پۈتكۈل ئوستىيە تېخىمۇ گۈللەنگەن. ئىمپېرىيىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە رىمنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي ھالدا خارابلاشقان، پرىستانلىرى لاتقىلار بىلەن تىنىپ كەتكەن.