Uyghur主要词典
ئوسمان ئىمپېرىيىسى
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇمان ئىمپېرىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوسمانلى تۈركلىرى قۇرغان ھەربىي فېئودال ئىمېرىيە. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلغان. ئوسمانلى تۈركلىرىنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى تۈركلەر بولۇپ، ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار ⅩⅢئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەربكە كۆچكەن، كېيىن كىچىك ئاسىياغا كىرىپ، زۇم سۇلتانلىقىغا بېقىنىپ، كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1299 - يىلى ئۇلارنىڭ سەردارى ئوسمان مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئوسمانلى دۆلىتىنى قۇرغان. كېيىن قوشنىسى ۋېزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغان. 1326 - يىلى پايتەختىنى بۇرساغا كۆچۈرگەن، 1362 - يىلى پايتەختنى ئادرىئانوپلې (تۈركلەر ئۇنى ئەدىرنە دەپ ئاتايدۇ) غا كۆچۈرگەن. 1453 - يىلى سۇلتان مۇھەممەد Ⅱ كونستانتىنوپولنى ئېلىپ، ۋېزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى مۇنقەرز قىلغان ھەمدە پايتەختىنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ، نامىنى ئىستانبۇل دەپ ئۆزگەرتكەن. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە تەرەپ - تەرەپكە كېڭىيىپ، زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. 1529 - يىلى ۋېنانى ئېلىپ، زېمىنى ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە كېڭەيگەن زور ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. ئىمپېرىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيە، مىللىي ئېزىش ئېغىر، سىنىپىي زىددىيەت ۋە مىللىي زىددىيەت كەسكىن بولۇپ، جايلاردىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈزلۈكسىز تۈردە قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1571 - يىلىدىكى لېپانتو دېڭىز جېڭىدە تۈركىيە فلوتى ئىسپانىيە - ۋېنېتسىيە بىرلەشمە فلوتى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، دۆلەت كۈچى ئاجىزلىشىشقا يۈزلەنگەن. 1683 - يىلى ۋېناغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، مەغلۇپ بولغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىمپېرىيىگە قاراشلىق بولغان قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى يەرلەر روسىيىگە بۆلۈپ بېرىلەگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ بېشىدا ئىمپېرىيە دائىرىسىدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، بالقان يېرىم ئارىلىدىكى دۆلەتلەر ئىلگىرى - كېيىن مۇستەقىل بولغان. ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە، ئاۋسترىيە، ئىتالىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىمپېرىيە زېمىنىنى تالىشىشنى جىددىيلەشتۈرگەن. روسىيە گروزىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمەنىيىلەرنى ئىشغال قىلىۋالغان؛ فرانسىيە ئالجىرىيە، تۇنىسلارنى يۇتۇۋالغان؛ ئىتالىيە لىپولىنى ئىگىلىۋالغان؛ ئەنگلىيە مىسىر، سپروسلارنى تارتىۋالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىمپېرىيە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تەرەپكە قاتناشقان، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقى، مېسوپوتامىيە ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ دېڭىز ياقىسى قاتارلىق رايونلاردىكى زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ، پەقەت تۈركىيىنىڭ ئۆز زېمىنىنىلا ساقلاپ قالالىغان. 1919 - يىلى دۆلەت ئىچىدە كامال رەھبەرلىكىدىكى بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى پارتلىغان. 1920 - يىلى ئەنقەرەدە مىللىي ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. 1922 - يىلى يېڭى ھۆمۈمەت سۇلتان مۇھەممەد Ⅵ نى بىكار قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىمپېرىيە ئاخىرلاشقان. 1923 - يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.