Uyghur主要词典
ئوسمان
دۇنيا تارىخى
(1) (577 - 656) ئىسلام خەلىپىسى. (644 - 656). مەككىدىكى ئۇمەييە ئاقسۆڭەك باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مۇھەممەد پەيغەمبەر دىن تارقاتقان مەزگىلدە، ئۇنى ئىقتىسادىي جەھەتتە زور كۈچ بىلەن قوللىغان. ئۆمەر ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، خەلىپىلىككە سايلانغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ئەرمەنىيە بىلەن شىمالىي ئافرىقىنى بويسۇندۇرۇپ، فارس ۋە خوراسان قاتارلىق جايلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرغان. <قۇرئان> نىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى بېكىتكەن. ئۆز جەمەتىنىڭ ئەزالىرىنى دۆلەتنىڭ مۇھىم خىزمىتىگە قويغان ھەمدە ئۇلارغا يەر ئىنئام قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى شۇلارغا تايىنىپ كۈچەيتىشكە ئۇرۇنغان. ئۇنىڭ بۇ سىياسىتى ئارمىيىنىڭ ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئايالى ئائىشە، ھەززىتى ئەلىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ھەزرىتى ئەلى تەرەپدارلىرى ئالدى بىلەن كۇفەدە ئوسمانغا قارشى قوزغالغان. ئوسمان مىلادى 656 - يىلى مەدىنىدىكى تۇرار جايىدا 500 نەپەر ئىسيانچى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. (2) (1259 - 1326)، ئوتتومان دەپمۇ ئاتالغان. ئوسمانىيە دۆلىتىنى بەرپا قىلغۇچى. 1281 - يىلى دادىسى ئەرتۇغرۇلنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تۈركلەرنىڭ سەردارى بولغان. 1299 - يىلى ئۆزىنى ئەمىر دەپ ئاتاپ، مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئوسمانلى دۆلىتىنى قۇرغان، بۇ دۆلەتتىكى تۈركلەر ئوسمانلى تۈركلىرى دەپ ئاتالغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ۋېزانتىيىنىڭ كىچىك ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى زېمىنىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە تاجاۋۇز قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەنىشەھىر (يېڭى شەھەر) قاتارلىق شەھەرلەرنى تارتىۋالغان، زېمىنى غەربتە مەرمەر دېڭىزىغىچە بېرىپ يەتكەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئوسمانجان
يىلاننىڭ بالىسى، كىچىك يىلان
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
سۇنۇقچى، سۇنغانلارنى داۋالىغۇچى، تېڭىقچى ياكى ئېغىربېسىق، مەرت، جەسۇر. باشقا شەكىللىرى: ئوسمانباي، ئوسمانجان، ئوسمانئەلى.
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئوسمان ئىسلام ئوغلى كېرەينىڭ مۇلقى قەبىلىسى، ئايتۇغان ئۇرۇقىدىن. ئۇ 1889 - يىلى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيىسى ئوندىرقارا كەنتىدە تۆۋەن ئوتتۇرا چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1940 - يىلغىچە كۆكتوقايدا ئائىلە چارۋىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. 1940 - يىلغىچە كۆكتوقايدا ئائىلە چارۋىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. 1940 - يىلى 2 - ئايدىكى ۋە 1941 - يىلى 6 - ئايدىكى ئالتاي خەلقىنىڭ شېڭ شىسەي ھاكىمىيتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئىككى قېتىملىق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1941 - يىلى 10 - ئايدىن 1943 - يىلى 7 - ئايغىچە ئىككى قېتىملىق قوزغىلاڭنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنىڭ باشلامچىسى، 1943 - يىلى7 - ئايدىن 1945 - يىلى 9 - ئايغىچە ئالتاي پارتىزانلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، «ئالتاي ۋاقىتلىق خەلق ھۆكۈمىتى» نىڭ باشلىقى، 1945 - يىلى 10 - ئايدىن 1947 - يىلى 2 - ئايغىچە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ۋالىيسى، 1946 - يىلى 7 - ئايدىن باشلاپ (ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىلەن گومىنداڭ ۋەكىللىرى بېتىم ئىمزالىغاندىن كېيىن) ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى بولغان. 1948 - يىلى 2 - ئايدىن 1949 - يىلى شىنجاڭ ئازاد بولغانغا قەدەر گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى يۆلەپ تۇرغۇزغان قورچاق ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسنىڭ ۋالىيىسى بولغان (بۇ قورچاق ۋالىي مەھكىمە گۇچىڭدا ئىدى). 1951 - يىلى 5 - ئايد «باندىت»، «نەق ئەكسىلئىنىقلابچى» دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.