Uyghur主要词典
ئورۇق مېۋە
بىئولوگىيە
يېپىق مېۋىنىڭ بىر خىلى. ئىچىدە بىر تال ئۇرۇقى بولىدۇ، مېۋە پوستى بىلەن ئۇرۇق پوستى بىرلىشىپ كېتىدۇ، پىشقاندا مېۋە پوستى يېرىلمايدۇ. مەسىلەن، ئاپتاپپەرەس، قارا بۇغداي قاتارلىقلارنىڭ مېۋىسى. ئاپتاپپەرەسنىڭ ئۇرۇق مېۋىسىنىڭ سىرتىدىكى قاتتىق شاكىلى مېۋە پوستى، ئىچىدىكى يېيىلىدىغان قىسمى ئۇرۇق بولىدۇ.